- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇ يىل شىنجاڭدىكى 104 گاس بالا ھەقسىز داۋالىنىدۇ
2017.01.16 15:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى سۇجۇ يولىدىكى دوختۇرخانا رايونىدا سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. مۇخبىرنىڭ پائالىيەتتىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا بۇ يىل 104 بالا دۆلەتنىڭ «رەڭدار چۈش ھەرىكەت پىلانى» گاس بالىلارنى قۇتقۇزۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قايتىدىن ئاۋازلىق دۇنياغا قايتالايدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى پىلان-مالىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ شۆلىيەننىڭ ئېيتىشىچە، «13- بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدا ھەر يىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىكى 104 گاس بالا سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدىكەن. ئوپېراتسىيەنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېلىپ بارىدىكەن، ئاپتونوم رايونلۇق گاس بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىلىڭ گاس بالىلارنى تىل بويىچە تەربىيەلەش بۆلۈمى ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن. بارلىق چىقىمنى مەركەز مالىيەسى كۆتۈرىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر