باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرمەكتە

2016.11.25 16:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىدى.

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيى يېپىلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە كادىرلىرىدىن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «تۆت ئاڭ» بولۇپمۇ يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە يادرونى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، سىياسىيدا يادرونى قوغداش، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىشنى؛ «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى»نى توغرا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، «مىزان»، «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كەم - كوتسىز ئىجرا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بۇنىڭغا تەڭ ئاۋاز قوشۇپ ئورتاق ھەرىكەتكە كەلدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئوبلاستلىق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، يىغىن روھىنى قەلبلەرگە سىڭدۈردى. چىڭگىل ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يىغىن روھىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى بويىچە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى جەزمەن بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، <مىزان>، <نىزام>نى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، <تۆت خىل ھالەت>نى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى ھەرىكىتىدە پائال كۆرسىتىشى كېرەك» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇ شىن. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ناھىيە، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ياچېيكا ئۆگىنىشى، مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش، كونسۇلتاتسىيە قىلىش، شەخسلەر ئۆزى ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ «مىزان»، «نىزام»نى قەلبىگە پۈكۈپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈردى.

  قاغىلىق ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە دەرسى سۆزلەپ، «پارتىيە نىزامنامىسى»، «مىزان»، «نىزام» قاتارلىقلارنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشنى كۈچەيتتى.

  خېجىڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ ۋېيخۇڭ مۇنداق دېدى: «مىزان»دا ئاممىنىڭ دەرد - ئەلىمىگە سەل قاراشقا قەتئىي يول قويماسلىق، ئاممىنى بېسىشقا، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا تېخىمۇ يول قويماسلىق تەلەپ قىلىندى. نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، دىققىتىمىزنى نامراتلارنى يۆلەش ۋە دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ساھەسىگە نۇقتىلىق ئاغدۇرۇپ، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جاۋابكارلىق سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشىنى نازارەت قىلىپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر