باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇلانغاجار كەنتىدە ياڭرىغان ئىتتىپاقلىق كۈيى

2016.10.25 14:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ خارمۇدۇن بازىرىدا ئۇلانغاجار دېگەن بىر كىچىك كەنت بار. ئۇ مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان چوڭ ئائىلە بولۇپ، 1994 - يىلى بۇ كەنتكە «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كەنت»، دەپ شەرەپلىك نام بېرىلگەن. كۆپ يىلدىن بۇيان ئۇلانغاجار كەنتىدىكى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى چىن كۆڭلى ۋە چىن ھېسسىياتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇردى.

  ئۇلار ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، بىر - بىرىگە ياردەم بەردى

  9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلۈشىگە، ئۇلانغاجار كەنتىنىڭ جەنۇبىدىكى كىچىك تۈگمەن گۈرۈلدەشكە باشلىدى. تۈگمەننىڭ ئىگىسى ۋاڭ تيەنشۆ ئۇن تارتىش ماشىنىسىدا ئەپچىل مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى.

  ئەتىگەندىلا ئۇن تارتقۇزغىلى كەلگەن تۇنساخان ھوشۇر: ئائىلىمىز نامرات، ئېرىم بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەن، قىزىممۇ باشقا كەنتكە ياتلىق بولۇپ كەتكەن، ئائىلىمىزدە ئەمگەك كۈچى بولمىغاچقا، بۇ يىللاردا پۈتۈنلەي ۋاڭ ئاكام ۋە يۇرتداشلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ يەردە ئۇن تارتقۇزسام، ۋاڭ تيەنشۆ بىر تىيىنمۇ ھەق ئالمايدۇ، دېدى.

  ئۇلانغاجار كەنتىدە 3329 نوپۇس بار بولۇپ، خەنزۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، ئۇيغۇردىن ئىبارەت تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان. ۋاڭ تيەنشۆ تۇرۇشلۇق 6 - كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىدا 100 ئائىلە بولۇپ، ۋاڭ تيەنشۆ بۇ گۇرۇپپىدىكى بىردىنبىر خەنزۇ كەنت ئاھالىسى.68 ياشلىق ۋاڭ تيەنشۆ ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى «كۆپنى كۆرگەن ھەم كۆپنى بىلىدىغان كىشى» دەپ ئېتىراپ قىلىدىكەن. پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، قانۇن - نىزاملىرى ۋە چوڭ - كىچىك ئىشلاردا، كەنت ئاھالىلىرى چۈشەنمىگەن جايلىرىنى ۋاڭ تيەنشۆدىن سورايدىكەن، ۋاڭ تيەنشۆمۇ ئۇلارغا سەۋرچانلىق بىلەن زېرىكمەي چۈشەندۈرىدىكەن.

  ۋاڭ تيەنشۆ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن: مەن كەنتكە يېڭى كەلگەندە ئۇيغۇرچىنى بىلمەيتتىم، ئۇيغۇر يۇرتداشلار ماڭا بىر جۈملە بىر جۈملىدىن ئۆگىتىپ قويدى. تىل ھەقىقەتەن ئالاقە ۋاسىتىسى ئىكەن، دېدى.

  ۋاڭ تيەنشۆ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان تىرىشچان كىشى بولۇپ، كۆپ يىلدىن بۇيان ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىگە قانچىلىك ياردەم قىلغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن. بۇ ئىشلارنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ ھەمىشە كۈلۈپ تۇرۇپ: كەنتكە يېڭى كەلگەندە يەيدىغىنىم - ئىچىدىغىنىم يوق ئىدى. ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى ماڭا ياردەم قىلغاچقا، مەن بۇ كەنتتە يىلتىز تارتتىم. ھازىر مېنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىشىم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم. كۆپچىلىك بىردەك ئىتتىپاقلىشىدىغانلا بولساق، كۈنلىرىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، دەيدۇ.

  بۇ يىل ئۇلانغاجار كەنتىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردىن 60 ى ئامما بىلەن قوشماقلاشقان بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزلۈكىدىن قوشماق بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئەھۋاللارنى ھەممىلا جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

  ھەر قېتىم چاغان، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملار يېتىپ كەلگەندە، كەنتتىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئۆزىنىڭ بايراملىق مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىپ، ئۆزئارا پەتىلىشىپ، بىر - بىرىگە بەخت تىلەپ، بايراملارنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىدۇ. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھەبىبۇللا كېرەم چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ۋە قىزىقىشى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك بىر - بىرىنى ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئىشىنىدۇ، ھەممىمىزنىڭ قەلبى بىر تۇتاش، دېدى.

  ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق بېيىدى

  مول ھوسۇللۇق ئالتۇن كۈز پەسلى 9 - ئايدا، ئۇلانغاجار كەنتىدىكى ئېتىزلىقلاردا كومبايىنلار رەتلىك تىزىلىپ، تەرتىپلىك مەشغۇلاتقا چۈشكەنىدى.

  كومبايىن شوپۇرى ياسىنجان روزى مول ھوسۇل شادلىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگەنىدى. ياسىنجان مۇنداق دېدى: يېرىمىز ئاز بولغاچقا، تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتىمەن. دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشقاندىن كېيىن، خەنزۇ ئۇستام ماڭا كومبايىن ھەيدەشنى ئۆگىتىپ قويدى. ھازىر كۈندە 150 يۈەن كىرىم قىلىمەن. ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشقانلىقىم ئەڭ زور بەختىم.

  ياسىنجان دەۋاتقان دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2013 - يىلى ئۇلانغاجار كەنتىدىكى خەن شىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان «باي دېھقان» دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىبارەت. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، موڭغۇل مىللىتىدىن تەركىب تاپقان 30 دېھقان ئائىلىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە نامرات ئائىلە بار.

  خەن شىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزدىكى ئەزالارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى ئەسلىدىلا بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغاچقا، تۇرمۇش ۋە ئەمگەكتە بىللە بولۇپ، بېيىش يولىغا ئورتاق ماڭماقتا.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ موڭغۇل ئەزاسى شۆليەننىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇپ، ئېرى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوقۇۋاتقان ئىككى بالىسى بىلەن قالغاچقا، ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكى ئۇنى ھالسىرىتىپ قويغانىدى. 2013 - يىلى شۆليەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشقاندىن كېيىن، مۇقىم كىرىمگە ئېرىشىپ، تۇرمۇشنىڭ غېمىدىن تەدرىجىي قۇتۇلدى.

  شۆليەن ئېسەدەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ھەر يىلى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغان بولدۇم. يېرىمدىكى ھوسۇلنى يىغىۋېلىش ۋە يەرگە دورا چېچىش قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھەر مىللەت كوپىراتىپ ئەزالىرى ياردەملىشىپ قىلىشىپ بېرىدۇ. بۇنداق چوڭ ئائىلىدە ياشاۋاتقانلىقىمدىن ئۆزۈمنى بەكمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن.

  كۆپ يىلدىن بۇيان يەرنى پاي قىلىپ قوشۇش، ئۆزئارا مەبلەغ ياردەم قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىش نەتىجىسىدە، ئۇلانغاجار كەنتىدە تىجارەت دائىرىسى ماشىنىسازلىق، باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق، باغ - ئورمانچىلىق قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ساھەنى قاپلىغان كۆپ خىل ھەمكارلىق ئەندىزىسىدىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 13ى بارلىققا كەلدى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى يېزىدىكى 700دىن ئارتۇق ئەمگەكچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىش، كەسپىي رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى.

  يەرلىك مۇزىكا ئەترىتى ئىناقلىق مارشىنى ياڭراتتى

  9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مەن مۇزىكا ئاۋازىغا ئەگىشىپ ئۇلانغاجار كەنت ئاھالە كومىتېتى ھويلىسىغا كىرىپ، ئون نەچچە كەنت ئاھالىسىنىڭ چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، «شەرق قىزاردى»، «داۋانچىڭ قىزى» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.مۇزىكانتلار ئارىسىدا ئەرخۇ چېلىۋاتقان جاۋ ۋەنچىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى بەكرەك تارتىدىغان بولۇپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ يەرلىك مۇزىكا ئەترىتى ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن.

  جاۋ ۋەنچىڭ مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ ئەرخۇ چېلىشقا ئامراق بولۇپ، ئەرخۇدىن چىققان لەرزان مۇزىكا ئاۋازى ئۇلانغاجار كەنتىنىڭ ئاسمىنىدا ياڭراپ تۇرىدىكەن. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغان بەزى كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بىللە ساز مەشىق قىلغاچقا، جاۋ ۋەنچىڭدا بىر يەرلىك مۇزىكا ئەترىتى تەشكىللەش ئويى تۇغۇلغان ئىكەن.

  جاۋ ۋەنچىڭ يەرلىك مۇزىكا ئەترىتىنى 2003 - يىلى تەشكىللەشكە باشلىغان بولۇپ، ئەزالىرى دەسلەپكى تۆت كىشىدىن كۆپىيىپ 20 كىشىگە يەتكەن. ھازىر خەنزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، خۇيزۇدىن ئىبارەت تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان مۇزىكا ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئەڭ كىچىكى 22 ياشتا، ئەڭ چوڭى 70 ياشتا ئىكەن. كۆپ خىل مىللىي چالغۇدا ئورۇنلانغان مۇزىكا −− «شەرق قىزاردى» ئۇلار ئەڭ ياخشى چالىدىغان مۇزىكا بولۇپ، جاۋ ۋەنچىڭ بۇ مۇزىكا ئەترىتىگە «شەرق قىزاردى» يەرلىك مۇزىكا ئەترىتى، دەپ نام قويغان.

  مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ھەبىبۇللا تۇراخۇن: كەنتتىكىلەر مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. بىزنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلىغان مۇزىكىلىرىمىزنى كۆپچىلىك ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ. ئادەتتە كۆپچىلىك خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز، دېدى.

  بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش . تەڭرىتاغ سەپىرى −− بايىنغولىنغا سەپەر» ناملىق چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە، ئۇلانغاجار كەنتىدىكى «شەرق قىزاردى» يەرلىك مۇزىكا ئەترىتى ئورۇنلىغان نومۇر يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى، ھەر مىللەتتىن بولغان دېھقان ئارتىستلار مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك كەنتنىڭ يېڭى قىياپىتىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن نامايان قىلدى.

  يەرلىك مۇزىكا ئەترىتىنىڭ تەسىرىدە، كەنتتە ھەر خىل ئويۇن قويۇش ئەترەتلىرى قۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ، موڭغۇلدىن تەركىب تاپقان «لوڭتېڭ» كوچا ئويۇنى ئەترىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

  كوچا ئويۇنى ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، 58 ياشلىق ليەن جىلۇڭ: دەسلەپتە كوچا ئويۇنى ئەترىتىنىڭ 30 نەچچىلا ئادىمى بار بولۇپ، چاغان مەزگىلىدىلا ئويۇن قوياتتى، ھازىر كوچا ئويۇنى ئەترىتىنىڭ ئەزاسى يۈز نەچچىگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت كەنت ئاھالىسىدىن 26 كىشى بار، دېدى.

  ھەر يىلى چاغان مەزگىلىدە، «لوڭتېڭ» كوچا ئويۇنى ئەترىتىنىڭ ھەر مىللەت ئەزالىرى ئورۇنلىغان شىر ئويۇنى، دۇمباق ئۇسسۇلى، ياڭگېر ئۇسسۇلى قاتارلىق نومۇرلار كەنت ئاھالىلىرىگە چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلماقتا.

  خارمۇدۇن بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ جىنخۇا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن: ئۇلانغاجار كەنتى كۆپ خىل شەكىلدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ، خارمۇدۇن بازىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا پائال يېتەكلەپ ئۈلگە كۆرسىتىش ھەم ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر