باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلدى

2016.10.25 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ئۇزۇن سەپەردىن ئىبارەت بۇ بىر ئىنقىلابىي ھەرىكەت، سەلتەنەتلىك داستان ۋە ھەيۋەتلىك ئابىدىنى چوڭقۇر ئەسلەپ، ئۇزۇن سەپەرنىڭ ئۇلۇغۋار ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر مەنىۋى مەزمۇنىنى يەكۈنلەپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھازىرقى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشنىڭ ئالتە جەھەتتىكى تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش، پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنقىلاب پېشۋالىرى ياراتقان ئۇلۇغ ئىشلارنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدىغان سىياسىي خىتابنامىسى، بىزنى نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشكە يېتەكلەيدىغان يەنە بىر ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى ئۇزۇن سەپەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، دەسلەپكى مەقسەتنى ئەستىن چىقارماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر