باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرىغا بايراق بېرىلدى

2015.12.03 15:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1 - ئۆكتەبىر، يەنى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 50 كۈن قالغاندا، ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرىغا بايراق بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلار كوللېكتىپىغا مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرى بايرىقى بېرىپ، پىدائىيلارنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھ، ياخشى ئىستىل بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاتلىنىپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەشۋىق قىلىش، ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش، تۆھپە قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پىدائىي قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش، ئەۋەتىش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغانىدى. بۇ يىل 6 - ئايدا پىدائىي قوبۇل قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، توردا تىزىملىتىش ۋە پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق مەسلىھەت سوراش شەكلىدە جەمئىي 5000دىن ئارتۇق كىشى ئۆزىنى پىدائىيلىققا تىزىملاتتى. قاتلاممۇ قاتلام تاللاش ئارقىلىق، 1400 كىشى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پىدائىيلىقىغا بېكىتىلدى. ئۇلار مەملىكىتىمىزدىكى 29 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن بولۇپ، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل قاتارلىق 17 مىللەت كىشلىرىدىن تەشكىللەنگەن، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى 52 ياش، كىچىكى 16 ياش بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 21 ياش.

  مۇراسىمدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك پىدائىيلار قوشۇنى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيەلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى ۋە كاپالىتى. بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پۈتۈن مەملىكەت كۆز تىكمەكتە، دۇنيا كۆز تىكمەكتە. بارلىق پىدائىيلار بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  مۇراسىمدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، پىدائىيلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر بىر پىدائىي ئىنچىكە ھالقىلاردا ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، ئۆزىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش ياكى ئىشارەت ئارقىلىق ئىپادىلەشتە بولسۇن، ھەر بىر ھەرىكەتنى مۇنتىزم، ئۆلچەملىك ئورۇنداپ، ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلماسلىقى، مۇلازىمەتنى ياخشى، مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك.

  مۇراسىمدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىمكانقەدەر پىدائىيلارنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، خاتىرجەم مۇلازىمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  مۇراسىمدا پىدائىيلار تەنتەنىلىك قەسەم بەردى، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سەھىبە مەمتىمىن پىدائىيلار تەشەببۇسنامىسىنى ئوقۇدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر