باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئېكولوگىيەنى قوغداش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2015.09.09 16:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 8 - سېنتەبىر ئېكولوگىيەنى قوغداش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى ۋە مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇش» تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى شىنجاڭدا «تىرىكچىلىك قىلىش»تىكى چوڭ مەسىلە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلاپ، شەھەر، يېزىلاردا ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى. ئەمما، سانائەتلەشتۈرۈش ۋە شەھەرلەشتۈرۈشنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ، ۋەزىپە ئېغىرلىشىپ، خىزمەتتە كۆپلىگەن ئاجىز ھالقا ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەر ساقلاندى. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش خىزمىتىنى يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىپ، ئۆزىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ۋە خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، تۈزەش ۋە ئۆزگەرتىش لايىھەسى تۈزۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرھال تەرتىپكە سېلىپ، تۈزەشكە بولىدىغانلىرىنى تېزدىن تۈزەپ، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ تۈرلۈك قوغداش رايونى ئىچىدە قۇرۇلۇش قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مۇھىتنى بۇلغىغان، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ۋە تۈزەپ، قايتا تەكرارلىنىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئويلىنىپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز ھەم دۆلەتنىڭ بايلىق ئېچىشىدىكى نۇقتىلىق رايون، شۇڭا ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن قوغداشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قوغداش داۋامىدا تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا ئۈنۈملۈك قوغداش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا پايدىلىق قانۇن چەكلىمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى پائال ئورنىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇن - تۈزۈملەشتۈرۈش يولىغا سېلىشقا تۈرتكە بولۇش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسى سالمىقىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى يادرولۇق خىزمەت ۋە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ تۇتۇپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپ تۈرلۈك ھەرىكەتلەرگە قەتئىي سۈكۈت قىلماسلىق؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش مېخانىزم ئورنىتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان ئالاقىدار رەھبەر ۋە خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش؛ تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى ئىلمىي ئايرىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ دائىرىسى، فۇنكسىيەلىك رايونلارغا ئايرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئىلمىي باھالاپ ۋە دەلىللەپ، دائىرىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، توغرا قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن خۇاڭ ۋېي، بەي جىجيې، غانىبات سابۇكەي، ئەركىن تۇنىياز، مۇتەللىپ قاسىم، مائاۋ سېيتقامزا، تيەن ۋېنلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر