باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن يۈەن جياجۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ بىلەن جېجياڭنىڭ ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بولۇشىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق

2015.09.09 16:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 8 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى يۈەن جياجۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  يۈەن جياجۈن بۇ قېتىم جېجياڭ ئۆلكىلىك تەشكىلات، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھەم تەيجۇ شەھىرى، جېجياڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بىڭتۈەن 1 - شىسىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش بويىچە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلارنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ بىلەن جېجياڭ ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بولۇپ، جېجياڭ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭ جېجياڭنىڭ تەرەققىياتىغا تېرەك بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئەۋزەللىكلىرى بىلەن بىر - بىرىنى تولۇقلاش بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بولۇشىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ ناھايىتى پارلاق ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ تونۇپ يەتتى. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئېنىق، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىللىقلىقى، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ غەمخورلۇقى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، جېجياڭنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، «13 - بەش يىل»لىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىنى ياخشى تۈزۈش كېرەك. بىرىنچى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاقسۇنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، كۈچەيتىش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى سەرخىلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، بولۇپمۇ مۇھىت ئاسراش جەھەتتە باشلامچى بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپنى يېتەكچى، تەربىيەلەشنى ئاساسىي شەكىل قىلىپ، ئىككى جاينىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئوچۇق ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنى كېڭەيتىپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە باشتىن - ئاخىر خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تۈجۈپىلىك قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يۆلەش - ئېچىش نىشانىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يۈەن جياجۈن مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىرادىسى، ئەقىل - پاراسىتى، جاسارىتى ۋە ئىجرا كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، شىنجاڭنىڭ يېڭى نورمال ھالەتتە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىم ئېشىشنى ساقلاپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز يەنىمۇ كۈچەيدى. بىز «12 - بەش يىل»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق بەش جەھەتنى چۆرىدەپ، «13 - بەش يىل»لىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، بەي جىجيې، ما شۆجۈن، ھۆرگۈل جاپپار، مۇتەللىپ قاسىم، كۇڭ شىڭلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر