باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئېكولوگىيە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈلگە رايونى قۇرۇش كېرەك

2015.09.09 16:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 8 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چى شۈچۈن باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  چى شۈچۈننىڭ بۇ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىشىدىكى مەقسىتى ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ شىمالىي شىنجاڭ دۆلەت باغچىسى قۇرۇش، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى چۆرىدەپ مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەسى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، «بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەش يىلدىن بۇيان، سالمىقى زور، ئۈنۈملۈك، كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەرقايسى تەرەپلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇسۇل توغرا بولغاندىلا ئېكولوگىيە بىلەن تەرەققىيات بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۆلەت باغچىسى قۇرۇش بايلىقنى قوغداش بىلەن ئېچىپ پايدىلىنىشتا قوش پايدا ئالدىغان ئىلغار باشقۇرۇش ئەندىزىسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىلەن ساياھەت ئىستېمالى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان خەلقئارا ئادەت ۋە ئومۇميۈزلۈك تەتبىقلىنىدىغان قانۇنىيەت. شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان، گېئولوگىيە، كان، سۇلۇق يەر، ئارخېئولوگىيە - خارابىلىكلەر باغچىسى ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى بار، بۇ دۆلەت باغچىسى قۇرۇشنى ئەمەلىيەت ۋە تەجرىبە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم چارۋىچىلىقنى بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېزا ئىگىلىك، يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى يىرىك، تۆۋەن ئۈنۈملۈك يەككە ئىشلەپچىقىرىشتىن كۆلەملەشكەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كەسىپلەشكەن ئىگىلىك شەكلىگە ئۆزگەرتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقى زامانىۋى چارۋىچىلىق تىپىغا ئۆزگەرمەكتە. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىرلەرنى بېرىپ، دۆلەتكە پائال ئەقىل كۆرسىتىپ، شىجاڭدا دۆلەت باغچىسى قۇرۇش ۋە مەملىكەتلىك زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈلگە رايونى قۇرۇشنى دۆلەتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشىنى ئۇمىد قىلىمىز.

  چى شۈچۈن مۇنداق دېدى: دۆلەت باغچىسى قۇرۇش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن، ئېكولوگىيە كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر؛ زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈلگە رايونى قۇرۇش يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا، دۆلەت زامانىۋى چارۋىچىلىقىنىڭ تەرىققىيات شەكلىنى ھاسىل قىلىشقا پايدىلىق. بۇ ئىككى تۈر شىنجاڭدا ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىرلەرنى تولۇق ئېلىپ، ئەھۋاللارنى ئەينەن ئىنكاس قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندا ئېھتىياج، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىككى تۈرنى چۆرىدەپ دۆلەتكە ئىجادىي پىكىرلەرنى بېرىپ، دۆلەتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان تۈزىشىنى پايدىلانما بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن ئاۋۋال، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت باغچىسى، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇش، ئورمان بايلىقلىرىنى قوغداش ۋە چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئەھۋاللىرىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ئىگىلىدى.

  سۆھبەت جەريانىدا، چى شۈچۈن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. شىجاڭنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە كەسپىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەت باغچىسى قۇرۇش جەريانىدا ئېكولوگىيە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقىشىنى؛ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پىلان تۈزۈشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئاساسىدا پائال پىلان تۈزۈپ، زامانىۋى چاراۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەپەككۇر، يېڭى يول، يېڭى چارىلىرىنى دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭدا مەملىكەتلىك زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ سىناق، تەجرىبە رايونى، ئۈلگە رايونى قۇرۇپ، ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىققا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىكى چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، خەن يۇڭ، بەي جىجيې، چيەن جى، ليۇ جىيۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى غانىبات سەبۇكەي سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر