باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى

PPP ئەندىزىسىنى پائال، مۇقىم يولغا قويۇپ، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش ساھەسىدىكى زور ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2015.08.31 16:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى 29 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى، يىغىندا «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت يېتەكچى پىكىر»توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئىشلار،ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىقى ئەندىزىسىدە (PPP ئەندىزىسى) ھۆكۈمەت رىقابەتلىشىش شەكلىنى قوللىنىپ، مەبلەغ سېلىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ئەلالىرىنى تاللاپ، ئىككى تەرەپ باراۋەر كېڭىشىش پىرىنسىپى بويىچە توختام ئىمزالاپ، مەسئۇلىيەت، ھوقۇق مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ، ئىجتىمائىي كاپىتال جامائەت مۇلازىمىتى قىلىدۇ، ھۆكۈمەت جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي كاپىتالغا ھەق بېرىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ مۇۋاپىق نەپ ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. PPP ئەندىزىسى ئېنېرگىيە، قاتناش - تىرانسپورت، سۇچىلىق، مۇھىت ئاسراش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، پەن - تېخنىكا، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش، كۈتۈنۈش، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: PPP ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش ساھەسدىكى زور ئىسلاھات، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىپە. يىراقنى كۆزدە تۇتقاندا، PPP ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش كەسىپلەردىكى ئىجازەتلىك چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇشقا؛ مالىيە سېلىنمىسى ۋە باشقۇرۇش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، PPP ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ناھايىتى زۆرۈر بولۇپ، مەبلەغ سېلىشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغىلى، ئاممىۋى مۇلازىمەت، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: PPP ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشتا قانۇنغا، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، ئاشكارا بولۇش، كۆپچىلىك نەپكە ئېرىشىشتىن ئىبارەت تۆت ئاساسىي پىرىنسىپنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. PPPنى ئەندىزىسى يولغا قويۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش - بولماسلىقى تۈرلەرگە باغلىق بولۇپ، تۈرنى جەزمەن ياخشى تاللاش ۋە لايىھەلەش كېرەك. كۈچنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، يەرلىكتىكى تۆمۈر يول، ئايرودۇرۇم، رېلىسلىق قاتناش، شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى ئەسلىھەسى، يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش، ئېچىش، تىجارەت خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سېلىنما كۆلۈمى زور، ئېھتىياجى ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولىدىغان، باھا تەڭشەش مېخانىزمى جانلىق، بازارلىشىش دەرىجىسى يۇقىرىراق تۈرلەرنى ئالدىن تاللاش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: PPP ئەندىزىسىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەۋزەللىكلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىقبالى بار، ئاسان مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان تۈرلەرنى ئالدىن يولغا قويۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، ئۈرۈمچى شەھىرى ياخشى باشلامچى بولۇشى كېرەك. تۈرلەر لايىھەسىنىڭ ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مالىيەنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت مەنپەئەتىنىڭ ئەڭ زور چەكتە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى گەۋدىلىك ۋەزىپە، تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بۆسۈشنى تېز قولغا كەلتۈرۈپ، ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشتۇر. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ، ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان كونكرېت مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىشى كېرەك. باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېتەكچى پىكىرنى تېزدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كېرەك.PPP ئەندىزىسىدىكى تۈرلۈك تەربىيەلەش ۋە تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇپ،خادىملارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى؛ دۆلەتنىڭ يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ PPP ئەندىزىسى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش فوندىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى كاتتا ئىش. تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، بۇ نۆۋەتتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە مۇھىم خىزمەت. «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل» بولۇش روھى بىلەن، ئىشنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلىشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەبرىكلەشنى شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىش كۆزنىكى قىلىپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئاكتىپ كۈچلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىن ئىبارەت بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەزكەزنىڭ ئىككى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى نەتىجىلەر ۋە تەجرىبىلەرنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەر ۋە شىنجاڭدىكى ھازىرقى ياخشى ۋەزىيەتنى ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يېرىنى ئاكتىپ كۈچ بىلەن تولدۇرۇش كېرەك. ياخشى روھىي ھالەت، پاكىز، گۈزەل مۇھىت بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتىنى كۈتۈۋېلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، ئالغا ئىنتىلىدىغان ياخشى روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر