باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەتەننىڭ ھايات - ماماتىغا باغلانغان كۈچلۈك ھېسسىيات

جاڭ ياپىڭ

2015.08.31 21:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپخانا ئۇيۇشتۇرغان «دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى شىنجاڭ» ناملىق ئارخىپ، ھۆججەتلەر كۆرگەزمىسىدە شۇنى كۆردۇقكى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئالدىنقى سەپتىن يىراق، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئارقا سېپىدە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكى، كومپارتىيە ئەزالىرى، ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنىڭ يېتەكچىلىكى تۈرتكىسىدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە پائال ئىئانە توپلىغان، قىشلىق كىيىم، ئاياغ - پايپاق ئىئانە قىلىپ ھەربىيلەردىن ھال سوراش، ئايروپىلان (ھەربىي ئايروپىلان) تەقدىم قىلىش، پۇل ئىئانە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان، ھەر قېتىملىق ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ھايات - ماماتتا بىرگە بولۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى نامايان قىلغان.

  ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈشتەك تەسىرلىك ھېكايىلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن، بىر ئارخىپتا ئەينى ۋاقىتتىكى تەرەققىيپەرۋەر سودىگەرنىڭ ئىئانە بېرىشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېكايىسى خاتىرلەنگەن.

  بۇ ئارخىپ دىخۇا شەھىرىدىكى «جۈنشىڭدې» ماگىزىنىدىكى سودىگەر سەي ليەنجۈن 1938 - يىلى 15 - مارت شىنجاڭ خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتۇلدۇرۇش ئارقا سەپ ياردەم بېرىش باش جەمئىيىتىگە يازغان خېتى ئىكەن. خەت قىسقا يېزىلغان بولۇپ، دەبدەبىلىك سۆزلەر يوق ئىدى، لېكىن خەتتە سودىگەرنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ھەقىقىي نامايان قىلىنغان. خەت مۇنداق يېزىلغان:

  ھۆرمەت ئىگىسى دۆلىتىمىزدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئىستىخىيەلىك ھالدا ئومۇميۈزلۈك قوزغالغاندىن بۇيان، ئالدىنقى سەپتىكى قەيسەر، سادىق جەڭچىلىرىمىز قان كېچىپ جەڭ قىلدى، ئالدىنقىسى يىقىلسا، كېيىنكىسى ئورنىنى باستى، دۈشمەنلەرنىڭ توپ - زەمبىرەكلىرى بىزنىڭكىدىن ياخشى، قورال - ياراغلىرى ئېسىل بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئاخىرغىچە جەڭ قىلىشتەك قەتئىي ئىرادىگە كەلدى، بۇ سەككىز ئايدا، سانسىزلىغان دۈشمەنلەر يوقىتىلىپ، ياپون جاھانگىرلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تارمار قىلىش غەرىزى كۆپۈككە ئايلاندى. ئۇلار ھازىر ئۆلۈم ئالدىدا جان تالىشىۋاتىدۇ، جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. سودىگەرلەرنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئىرادىسى كۈچلۈك، جۇڭگونىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئومۇمىي خەلقنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ دۈشمەنلەر بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلىشتەك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلالمىدىم، ناۋادا ئارقا سەپتە تۇرۇۋېلىپ، دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقى بىلەن كارىمىز بولمىسا، ھەتتا شەخسىيەتچىلىك قىلىپ، تەييارغا ھەييار بولساق، قانداقمۇ قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا يۈز كېلەلەيمىز، قانداقمۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرى سودىگەرلىرىگە يۈز كېلەلەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن 1938 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر ئايدا ئۆلكە ئاشلىق بېلىتىدىن 1 مىليون سەر ئىئانە قىلىمەن. يىرتقۇچ دۈشمەنلەر تارمار قىلىنغاندىلا سودىگەرلەرنىڭ تۇرمۇشى تىنچ - ئامان بولۇپ، خاتىرجەم تىجارەت قىلالايدۇ، مەن ئازغىنە پايدامنى ۋەتەننى قۇتۇلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئىئانە قىلمەن.

  كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنى، بۇ خەت جۇڭگونىڭ جەزمەن غەلىبە قىلىشىغا بولغان ئېتىقادى، شۇنداقلا جۇڭگولۇقلارنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ياردەم قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ بەرگەن: «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر ئايدا ئۆلكە ئاشلىق بېلىتىدىن 1 مىليون سەر ئىئانە قىلىمەن».

  مانا مۇشۇنداق ۋەتەننىڭ ھايات - ماماتى بىلەن زىچ باغلانغان تەسىرلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بولغاچقىلا، جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر