باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىن پورتى پارتلاش ۋەقەسىگە 18 كۈن بولدى: نەق مەيداننى تازىلاش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى

2015.08.31 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  29-ئاۋغۇست، تيەنجىن پورتى پارتلاش ۋەقەسى 18-كۈنىگە قەدەم قويدى. 29–ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت 3 كېچە، جەمئىي قازا قىلغانلار 147 گە يەتتى، 147 كىشىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى 21 كىشى، تيەنجىن پورتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى 68 كىشى، خەلق ساقچىسى 10 كىشى، باشقا خادىملار 48 كىشى.

  نۆۋەتتە، 26 كىشى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى، بۇنىڭ ئىچىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىدىن ئۈچ كىشى، تيەنجىن پورتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىدىن 12 كىشى، خەلق ساقچىسىدىن بىر كىشى، باشقا خادىملاردىن 10 كىشى بار.

  ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە نەق مەيداننى تازىلاش خىزمىتى ئىلىمىي، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىكەن، كىران، قېزىش ماشىنىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى ھەرىكەتتە ئىكەن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى جىددىي، تەرتىپلىك مەشغۇلات ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە، يادرولۇق رايونىدىكى ئۈچ يۈك ساندۇقىنىڭ ئىككىسى ئاساسەن تازلىنىپ بولغان، سىرتقا كېڭەيگەن رايوندىكى ئاپتوموبىللار ۋە يۈك ساندۇقلىرىنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان. ھازىر ئىش ئورنى ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك ئېچىلدى، ئېنىقلاش خىزمىتىدە غايەت زور ئىلگىرىلەش بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر