ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان تۇردى خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيە ياقا بازارلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئالى مەكتەپكە، ئىچكىرى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۆتكەن 71 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ۋە بىر قىسىم يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنى 130 مىڭ يۈەن نەق پۇل ۋە ماددى بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا خاتىرجەم ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
يىغىنغا قاتناشقان ئەنۋەر ناۋاي قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر ۋە ئالدىن بېيىغان يەككە تىجارەتچىلەرمۇ بازىرىمىزنىڭ كېيىنكى ئىختىساس ئىگىلىرى بولغان بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىش ئۆچۈن بەس – بەستە ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلەپ، يىغىلغان 20 مىڭ يۈەن پۇلنى ئوقۇغۇچىلارغا نەق مەيداندا تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارغا يەنە بىر قېتىم خۇشاللىق ئاتا قىلدى.