ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سالامەت داۋۇت خەۋىرى، فوتوسى) 27 - ئاۋغۇست، ئونسۇ دېھقانچىلىق ئىدارىسى، يېزا ئىگلىك ماشىنىسازلىق ئىدارىسىنىڭ گۈلئاۋات يېزا چىنتۆمۈر كەنتىدە تۇرۇشلۇق بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپىسى ئەزالىرى دىھقانلارغا ياردەملىشىپ كۆك ياڭاق ئۈزۈشۈپ بەردى. بۇ ۋاقىت كۆك ياڭاقنى سېتىپ چىقىرشتىكى ئەڭ ياخشى پەيت بولۇپ خىزمەت گۇرۇپىىسىدىكى بەش 5 ئەزالار 26-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىككى كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ كەنتتكى ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغان تۆت ئائىلىگە ياردەملىشىپ ھەقسىز 85 خالتا تەخمىنەن 2.5 توننا كۆك ياڭاق ئۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ ياڭاقلىرىنى ۋاقتىدا سېتىپ چىقىرىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى، شۇنداقلا دېھقانلار بىلەن مول – ھوسۇل شاتلىقىدىن تەڭ بەھرىمان بولدى.