باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دىنىي سىياسىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرايلى

2015.08.31 14:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى سانىغا پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دىنىي سىياسىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرايلى ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شىزاڭ ئالاھىدە چېگرا ۋە مىللىي رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇھىم بىخەتەرلىك توسىقى. شىزاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. شىزاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن بۇيان، پارتىيىمىز ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت، رايون ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولغان بىر يۈرۈش مىللىي سىياسەت ۋە دىنىي سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەر قايسى مىللەت ئاممىسى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى ساغلام تەرتىپلىك ئېلىپ باردى. مۇنەۋۋەر مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلدى ۋە قوغدىدى. بۇنىڭ بىلەن شىزاڭ ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئەمەلىيەت مىللىي تېررېتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە پارتىيىنىڭ دىنىي سىياسىتىنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن،كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كېلىشى، گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ تارىخىي قانۇنىيىتى. ھەر قايسى مىللەت ئاممىسى ئۆز ئارا چۈشىنىدىغان، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان، ئۆز ئارا زوقلىنىدىغان، ئۆز ئارا ئۆگىنىدىغانلا بولسا،دۆلىتىمىز ئىتتىپاقلاشقان ئېناق مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىگە ئايلىنىدۇ. پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۆزى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى تونۇشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيىسى ۋە ئاساس سېلىش پائالىيتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ،ئۇنى ياش ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ؛ زاڭزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى ئامما بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئاممىنى ئالاقىلىشىشىغا ئىلھام بېرىش شارائىتى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۇرۇق تۇغقانلاردەك بارغانسىرى يېقىنلاشتۇرۇش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر