باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنئەنمېن رايونى ۋە ئالاقىدار توققۇز يولدا 1-سېنتەبىردىن باشلاپ قاتناشنى تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ

2015.08.31 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 29 – ئاۋغۇست مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 1-سېنتەبىر سەھەر سائەت نۆلدىن باشلاپ پائالىيەت ئاياغلاشقىچە، ۋاقىت ۋە بۆلەكلەر بويىچە تيەنئەنمېن رايونى ۋە ئالاقىدار يوللارغا قاتناشنى تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىدۇ.

  خاتىرىلەش يىغىنى9-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 10 دا تيەنئەنمېن رايونى ۋە چاڭئەن كوچىسى بويىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇ چاغدا كاتتا ھەربى پارات ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، قاتناشنى تىزگىنلەش تەدبىرى 1-سېنتەبىر سائەت 0 دە باشلىنىدۇ، خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە قاراپ ۋاقىت ۋە بۆلەك بويىچە قوللىنىلىدۇ. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دۇڭچېڭ، شىچىڭ، چاۋياڭ، خەيدىيەن، چاڭپىڭ رايونلىرىغا چېتىلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشىتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قاتناش تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانغاندا، خاتىرىلەش يىغىنىدا ئىشىلىتىلىدىغان كىنىشىكىسى بار مەخسۇس ماشىنىلار ۋە خادىملاردىن باشقا،، باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ قاتنىشى مەنئى قىلىنىدۇ، قىسمەن تىزگىنلەنگەن رايون يوللىرى ۋە ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىدا خاتىرىلەش يىغىنى مەخسۇس كىنىشكىسى بولغان ئاپتونوبىللاردىن باشقا، باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. تىزگىنلەنگەن رايوندىكى ئاھالىلەر ئىناۋەتلىك كىنىشكىسى ۋە مەخسۇس كىنىشىكىسى ئارقىلىق بەلگىلەنگەن لىنىيە بويىچە كىرسە بولىدۇ.

  قاتناش تىزگىنلەنگەن ۋاقىت ۋە رايوندا، قاتناش، مېترولارنىڭ قاتناش كونكرېت تەڭشىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى قاتناش تارماقلىرى جەمئىيەتكە ئۇقتۇرىدۇ.

  بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جەمئىيەتتىكى ئورۇنلار ۋە ھەر ساھە ئاممىسىنى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان كونكرېت باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، سەپەر ۋاقتىنى ۋە ماڭىدىن يولىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ پائالىيەتنى قوللاشقا تەكلىپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر