باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىدە پاسپورت بېجىرىش تەرتىپلىرىنىڭ قېلىپلىشىشى، ئاددىيلىشىشى ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى

2015.08.31 20:59         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرىمانگۈل داۋۇت خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ چېگرىدىن قانۇنلۇق كىرىپ-چىقىش ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە ئاھالىلارنىڭ ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماس قىلىش شەرتى، پاسپورت بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كۈتۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  مۇخبىر 26-ئاۋغۇست كۇچا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىش مەركىزىدە، ئىلتىماس قىلغان پاسپورتلارنى بېجىرىش ۋاقتىنىڭ ئەسلىدىكى 30 كۈندىن ھازىر 15 كۈنگە قىسقارغانلىقىنى، پاسپورت بېجىرگىلى كەلگەن ئاممىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  شەھەر ئاھالىسى ئەكبەر ھېكىم مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەلگەندە پاسپورت بېجىرىش مۇرەككەپ ئىدى، رەسمىيەت بېجىرىپ تامغا باستۇرىدىغان ئورۇنلارمۇ كۆپتى، ھەر كۈنى ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە بېرىپ تامغا باستۇراتتۇق، مەن يېقىندا پاسپورت بېجىرىش ئوڭاي بوپتۇ دەپ ئاڭلاپ كەلدىم، ئۇلار پاسپورت 20 كۈن ئەتراپىدا چىقىدۇ دەيدۇ، بىر قېتىمدىلا بېجىرىدىكەنمىز، بۇ جايدا بېجىرسەك ياخشىكەن.

  ۋاقىتنى تېجەپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چېگرىدىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى ساقچى كۈچلىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، يېڭىدىن يەتتە ساقچىنى كۆپەيتىپ، سەككىز مۇلازىمەت كۆزنىكى ئېچىپ، كەڭ ئاممىنىڭ پاسپورت ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىش ئېھتىياجىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قامدىدى.

  كۇچا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چېگرىدىن كىرىپ-چىقىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىدىن خۇ ۋېنجۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوندىن ئادەتتىكى پاسپورت تارقىتىش سىياسىتىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چېگرىدىن چىقىش-كىرىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى خەلققە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، مۇلازىمەت ئىدىيەسىنى يېڭىلاپ، مۇلازىمەت كۆزنەكلىرىنى كۆپەيتتى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىزنىڭ چېگرىدىن چىقىش-كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىغان كۆزنىكىمىزدىن پەقەت ئۈچىلا بار ئىدى، ھازىر خەلققە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت كۆزنىكىدىن سەككىزنى كۆپەيتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ كېلىپ كەسىپ بېجىرىشىگە قولايلىق ياراتتۇق، بۇندىن كېيىن 21 ساقچىخانىدا چېگرىدىن چىقىش-كىرىش، پاسپورت بېجىرىش، شۇنداقلا ھەرخىل يول خېتى بېجىرىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئىلگىرىكى ئۈچ دەرىجە بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەلىپى ئاساسىدا، تەرتىپلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ باشقا جايلارغا بېرىشىغا قولايلىق يارىتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر