باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

8–نۆۋەتلىك جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ پەن–تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسى سانجى شەھىرىدە باشلاندى

2015.08.31 21:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن بەي چۈنلى بىلەن كۆرۈشتى، بەي چۈنلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا دوكلات بەردى

  جاڭ لېي، لى شىڭ، يۆ يەنيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 8 – نۆۋەتلىك جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى – شىنجاڭ پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسى 28 – ئاۋغۇست سانجى شەھىرىدە باشلاندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 28 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يەرمەنكىگە قاتناشقىلى كەلگەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بەي چۈنلى بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسى يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، بىز پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىجادچان شىنجاڭ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. بىز پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايانغاندىلا، كېيىن تەرەققىي قىلىشتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېشىپ كېتەلەيمىز. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇشىمىزنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بەي چۈنلى مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسىنىڭ كۆلىمى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىلەرگە قارىغاندا چوڭ بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن ئەمەلىي ئۈنۈملىرى نامايان قىلىنغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز كۈنسېرى كۈچىيىپ، قوش پايدا ئېلىشتەك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز شىنجاڭنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش، مۇھىم ئىلىم – پەن ئەسلىھەلىرى ۋە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

  بۇ نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا يەرمەنكىسىدە، ‹‹پەن – تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش؛ ھەممەيلەن يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش؛ كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش؛ يادرولۇق رايون قۇرۇشقا تىرەك بولۇش›› باش تېما قىلىندى، جەمئىي 457 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنىپ، 569 پەن – تېخنىكا ئېھتىياجى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈرى يەرمەنكىدە كۆرگەزمە قىلىندى. شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق ئون ئۆلكە، شەھەر ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشقا 11 تارماق ئاكادېمىيەسى بۇ نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسىگە قاتناشتى. پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، كېڭىشىش، كېلىشىم ئىمزالاشتىن باشقا، يەنە تۆت مەيدان پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى، ئالتە مەيدان پەن – تېخنىكا لېكسىيەسى ۋە 4 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، ئاۋامنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىلىرى كۆرگەزمە كېڭىشى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  بەي چۈنلى ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: 2002 – يىلىدىن بۇيان، پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسى يەتتە نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەر ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم يىغىن ۋە ۋاسىتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن – تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە پەن – تەتقىقات خادىملىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن – تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى پەن – تېخنىكا ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاكادېمىيەدىكى بارلىق خادىملارنى تەشكىللەپ، نىشانلىق تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىلغار، پىشقان پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى شىنجاڭغا ماكانلاشتۇرۇپ گۈللەندۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈچ چوڭ يەرمەنكىسىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى ھەم ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلىرى ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان كۆۋرۈك ۋە سۇپا قۇرۇپ بەردى. يەرمەنكىگە قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىش ساھەلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، قوللىنىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تېخىمۇ كۈچلۈك تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يەنە غەربىي شىمال دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، ھۆرىگۈل جاپپار، ليۇ جىيۇڭ، لۇ شياۋفېڭ قاتارلىق يولداشلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بەي چۈنلى 28 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىغا ‹‹يېڭى پەن – تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەردىكى ئۆزگىرىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى›› دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

  بەي چۈنلى دوكلاتىدا مەۋقەنى دۇنيانىڭ پەن – تېخنىكا ۋە كەسىپلەر تەرەققىيات ئالدىنقى سېپىگە قويۇپ، تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، دۇنيا پەن – تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى تۇنۇشتۇردى، يېڭى پەن – تېخنىكا ئىنقىلابى، كەسىپلەر ئۆزگىرىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى شەرھلىدى، جۇڭگو دۇچ كېلىۋاتقان پۇرسەت، خىرىس ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى تەھلىل قىلدى، دۆلەت پەن – تېخنىكا سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى يېشىپ بەردى.

  بەي چۈنلى يەنە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭ بىلەن ئۇزاق مۇددەت ياخشى ھەمكارلىشىپ، ‹‹شىنجاڭغا پەن – تېخنىكا ئارقىلىق تىرەك بولۇش›› قۇرۇلۇشى، پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسى، ‹‹تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئاكادېمىكلار سەپىرى›› قاتارلىق پائالىيەتلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرتۇق. شىنجاڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە، بىز ئاپتونوم رايون بىلەن بولغان پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز.

  ئاپتونوم رايوندىكى نازارەت، ئىدارە ۋە ئالاقىدار پەن – تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپ ۋە كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ جەمئىي 200 دىن ئارتۇق كىشى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز دوكلات يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر