باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراقاش ناھىيەسى كەلكۈن سۈيىدىن پايدىلىنىپ تەبىئىي ئوتلاقلارنى ‹‹ياشناتتى››

2015.08.31 21:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن، ئابدۇجېلىل روزىھېيت خەۋەر قىلىدۇ: قاراقاش ناھىيەسى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كەلكۈن سۈيىدىن پايدىلىنىپ، تەبىئىي ئوتلاق ۋە ئورمان بەلباغلىرىنى سۇغىرىپ، كەلكۈن سۈيىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

  قاراقاش دەرياسىغا بۇ يىل 7 – ئايدىن باشلاپ كەلكۈن كېلىپ، كەلكۈن مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا سېكۇنتىغا 700 كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتتى. قاراقاش ناھىيەسى مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەلكۈن سۈيىدە تەبىئىي ئوتلاقلارنى سۇغىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇم – بوران كۆپ كۆرۈلىدىغان رايونلاردىكى تەبىئىي ئوتلاقلارنى كۆكەرتىش، تەبىئىي ئورمانلارنى ئاسراش، پەرۋىش قىلىش، قوغداش جەھەتلەردە ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ھازىرغىچە، ناھىيە بويىچە 126 مىڭ مو تەبىئىي ئورمان سۇغىرىلدى.

  قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كاۋاك يېزىسى دۆڭكۆل كەنتىدىكى روزىمۇھەممەت تاھىر مۇنداق دېدى: تەبىئىي توغراقلىققا سۇ باشلاۋاتقىنىمىزغا بۈگۈن 20 كۈن بولدى. توغراقلىق ئۇزاقتىن بۇيان سۇغىرىلىپ باقمىغان، سۇغارغاندىن كېيىن توغراقلار ياشىرىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كۆپىيىدۇ. بۇنىڭ قۇم – بوراننى تىزگىنلەشتە ئۈنۈمى زور.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر