باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى قىزغىن مۇھاكىمە قىلىندى

2015.08.31 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 24- ۋە 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئېچىلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان،مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ۋە مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كادىرلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىزاڭنى ئىدارە قىلىش، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شىزاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلقنى بېيىتىش شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىزاڭنى ئۇزۇن مۇددەت قۇرۇش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئاساسنى پۇختىلاش»نى مۇھىم پىرىنسىپ قىلىپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى يېڭى تارىخىي شارائىت ۋە ئىچكى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتكە قارىتىپ، شىزاڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى شىزاڭ خىزمىتى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى توغرا ھۆكۈمى ۋە شىزاڭ خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، ھازىرقى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك شىزاڭ خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى ئورگىنىدىكى ھەرقايسى ئىشخانىلار، ئىدارىلەر ئۆگىنىش مۇزاكىرە قىلغاندا، مۇنداق دەپ قارىدى: مىللەتلەر ۋە دىن خىزمىتى ھەمدە شىزاڭ خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ياخشى خىزمەت ئىستىلىنى، پۇختا، ئۈنۈملۈك خىزمەت تەدبىرلىرى بىلەن مەركەزنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشى، ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قاتناش ئاساسىنى پۇختىلاش- شىزاڭ ۋە تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونىنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئالدىنقى شەرت، خەلقنى بېيىتىش، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش، زاڭزۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە نۇقتىلىق مەدەت بېرىش، ئاساسنى پۇختىلاپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، سىستېمىنى كۈچەيتىپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىزاڭ ۋە تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش لازىم.

  مەركىزىي تور ئۇچۇرى ئىشخانىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى مەركەزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىزاڭ ۋە ھەرقايسى زاڭزۇلار رايونىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، زاڭزۇلار رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېڭى قانات ئاتا قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر