خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يامغۇردىن كېيىنكى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان.
31-ئاۋغۇست، تيەنجىندىكى پارتلاشنىڭ يۈز بەرگىنىگە 20 كۈن بولدى. مۇخبىر ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى ئاخبارات مەركىزىدىن 31-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00كىچە، قازا قىلغان ئادەم سانىنىڭ 158گە يەتكەنلىكى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئېنىقلانغانلىق خەۋىرىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىدىن 23 نەپەر، تيەنجىن پورتىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىدىن 71 نەپەر، خەلق ساقچىسىدىن 11 نەپەر، باشقا كىشىلەردىن 53 نەپىرى قازا قىلغان. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى