باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باسىف شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەمكارلاشتى

2015.09.01 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات مۇنبىرىدە، باسىف يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان بىئودېگراتسىيىلىك سۇلياۋ يوپۇقنىڭ شىنجاڭدىكى تەجرىبىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى نامايان قىلدى. نۆۋەتتە، باسىف شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك يېزا ئىگىلىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەمكارلىشىدۇ.ھازىر باسىف ئاللىقاچان شىنجاڭدا 280 مو كېۋەز، 820 مو كۆممىقوناق، 200 مو قىزىلچا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش خىل زىرائەت سىناق تۈرىنى يولغا قويدى.

  2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، باسىف شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە بۈگۈنگە قەدەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىئودېگراتسىيىلىك يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ يوپۇق تەجرىبە ئېتىزى تۈرىنى يولغا قويغان بۇلۇپ، ئۇمۇمىي كۆلىمى1700موغا يېتىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر