باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1- سېنتەبىر يولغا قويۇلىدىغان تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى ئېلان قانۇنىدا داۋالاش، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئېلانى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلدى

ھەر قانداق كىشىنىڭ دورا سېتىشقا ۋەكالىتەن سۆزلىگۈچى بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ

2015.09.01 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، توردا كۈتۈنۈشنى تونۇشتۇرۇشنى ۋاستە قىلىپ شەكلى ئۆزگەرگەن ئېلان بېرىشكە بولمايدۇ (مۇخبىرىمىز چېڭ خۇي)

  يېڭى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئېلان قانۇنى» 1- سېنتەبىر رەسىمىي يولغا قويۇلدى. بۇ ئېلان قانۇنى يولغا قويۇلۇپ 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشى. بۇ قېتىم ئېلان قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دائىرىسى كەڭ بولغان، جۈملىدىن بۇ ساختا ئېلان توغرىسىدىكى تەبىر ۋە تىپىك شەكلى، يېڭىدىن قوشۇلغان ئېلانغا ۋەكالىتەن سۆزلىگۈچىسىنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى، پۇقراۋى تاراتقۇلارنىڭ ئېلان بېرىشىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن. يېڭى ئېلان قانۇنىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ھەر قانداق كىشىنىڭ دورا سېتىش ئېلانىنىڭ ۋەكالىتەن سۆزلىگۈچىسى بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، دورا ئېلانىدا پەرھىز تۇتىدىغان ناچار تەسىرىنى ئېنىق ئورۇنغا ئەسكەرتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، گېزىت- ژورنال، ئۈن-سىن نەشرىياتى ئورۇنلىرى، ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ساغلاملىق، كۈتۈنۈش بىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇشنى ۋاستە قىلىپ شەكلى ئۆزگەرگەن دورا، داۋالاش سايمانلىرى، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  بۇ دورا، داۋالاش سايمانلىرى، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئېلانلىرىغا بۇنىڭدىن كېيىن ۋەكالىتەن سۆزلىگۈچى بولۇشقا بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى بۇ خەلقنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تاۋار ياكى مۇلازىمەت، ئادەم تېنى خاسلىققا ئىگە بولغاچقا، مەلۇم كىشىگەمەنپەئەت قىلسىلا، ھەممىسىگە مەنپەئەت قىلىشى ناتايىن، ئېلاندىكى ۋەكالىتەن سۆزلىگۈچىنىڭ تۇنۇشتۇرۇپ دەلىللەپ بېرىشى ئەسلىدىنلا ئىلمىي ئەمەس.

  يېڭى ئېلان قانۇنىغا ئاساسەن، ساختا ئېلان بېرىپ قىلمىشى يىنىك بولغانلارغا جەرىمانە قويۇش سوممىسى 1994- يىلىدىكى ئېلان قانۇنى بويىچە ئېلان ھەققىنىڭ 1 ھەسسىدىن 5 ھەسسىگىچە بولىدۇ دېگەن بەلگىلىمە ئېلان ھەققىنىڭ 3 ھەسسىدىن 5 ھەسسىگىچە بولىدۇ دەپ تەڭشىلىپ، جەرىمانە قويۇش باشلىنىش نۇقتىسى يۇقىرىلىتىلغان، ئىككى يىلدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشلارنى سادىر قىلىش قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق بولسا، كۆپ بولغاندا 2 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. يېڭى ئېلان قانۇنىغا يەنە ساختا ئېلاننى شەكىللەندۈرۈشنىڭ شەرتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر كىرگۈزۈلگەن، ساختا ئېلان مۇنداق بولىدۇ: بىرى مەزمۇنى ساختا بولۇش، ئىككىنچى، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان مەزمۇن بىلەن ئىستېمالچىلارنى خاتا يېتەكلەش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر