- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئادەتتىكى پاسپورت تارقىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلدى
2015.08.18 20:50 مەنبە: خەلق تورى
ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋىلايەتلىك ج خ ئورگىنى 8 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش تەرتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە
ئاددىيلاشتۇرۇش سىياسىتىنى رەسمىي يولغا قويغان بولۇپ، بۇ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر زور تەدبىرى ئىكەن.
ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى چېگرىدىن چىقىش ـ كىرىشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ شياۋيىڭ مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش تەرتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ـ مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىلايىتىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ خەلققە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ چېگرىدىن چىقىش ـ كىرىشتىكى قانۇنلۇق تەلىپىنى قاندۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ۋىلايىتىمىزدىكى ئاھالىلار ئادەتتىكى پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغاندا، بەزى مۇرەككەپ تەرتىپلەردىن ئۆتكۈزمىسىمۇ، پەقەت نوپۇس، 2 ـ ئەۋلاد كىملىك، خىزمەت ئورنىنىڭ پىكىرى ۋە ئىلتىماس قىلىشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرسىلا بولىدۇ. بۇ ماتېرىياللار: چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىدىغانلار تاپشۇرۇدىغان ساياھەت كوپىراتىپى چىقىرىپ بەرگەن ساياھەت مۇلازىمەت ھەققى تالونىنى؛ چەتئەلگە ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوستلىرىنى يوقلاشقا چىقىدىغانلار تاپشۇرۇدىغان چەتئەلدىكى ئۇرۇق ـ تۇغقان ياكى دوستلىرىنىڭ كىملىك كۆپەيتىلمىسىنى؛ چەتئەلگە سودا بىلەن چىقىدىغانلار تاپشۇرۇدىغان شىركەتنىڭ ئۈنۈملۈك تىجارەت كىنىشكىسى، شىركەت ئاپپاراتىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى، شىركەتنىڭ چەتئەلگە ئەۋەتىش خېتى قاتارلىقلارنى، يەككە سودا ـ سانائەتچى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئۈنۈملۈك تىجارەت كىنىشكىسى )پەقەت ئۆزى بىلەن چەكلىنىدۇ( نى؛ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىدىغانلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ نازارەت قىلىش ئۇچۇر تورىدا ئېلان قىلغان چەتئەلدىكى مۇنتىزم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى )باشلانغۇچ، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا( نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقا شەخسىي ئىشلار بىلەن چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن ئادەتتىكى پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىدىغانلار ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرىدۇ.
ليۇ شياۋيىڭ يەنە مۇنداق دېدى: ۋىلايىتىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرى سىياسەتنى تەڭشىگەندىن كېيىن، 1 ـ تۈركۈمدە بىجىرگەن پاسپورت ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا تېگىپ بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاھالىلار يەنە ئىلتىماس قىلماقچى بولغاندا، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلسا بولىدۇ، ماتېرىياللىرىنى ئالاھىدە پوچتا يوللانمىسىدا ئەۋەتسە، پاسپورتنى ئۆيىدىن چىقماي ئالالايدۇ.
ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىدىكىلەر: ج خ ئورگانلىرى ئىش بېجىرىش سورۇنلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، ئاممىغا يېقىنلا يەردە رەسمىيەت بېجىرىپ بېرىش شارائىتى ھازىرلاپ، ئاھالىلارنىڭ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىش ئارزۇسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە شۇنداقلا يەنە ۋىلايىتىمىزدىكى ئاھالىلارغا بۇ سىياسەتنىڭ ئۇزاققىچە يولغا قويىلىدىغانلىقىنى، ئاممىنىڭ ھەممىنى تەييار قىلىپ ئاندىن ج خ ئورگىنىغا پاسپورت بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلىمەن، دېيىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئەسكەرتتى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر