- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«بىر بەلباغ، بىر يول« ئىستراتېگىيەسىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىيات پۇرسىتى قولغا كەلتۈرۈلدى
ئىچكىرىدىكى سودىگەرلەر ئاقسۇدىكى بازارلارنى نىشانلىدى
2015.08.18 20:48 مەنبە: خەلق تورى
ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورى خەۋىرى. 2015 ـ يىللىق ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودىسى يەرمەنكىسىدە نۇقتىلىق تۈرلەرنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى 8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو داتاڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ شياڭلەن مۇنداق دېدى: ئاقسۇدا دۆلەتنىڭ »بىر بەلباغ، بىر يول« ئىقتىساد سىياسىتى ئەۋزەللىكى بار، كۇچاغا بولغان مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىش _ دۆلەتنىڭ »جۇڭگو _ پاكىستان مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش«، »رىب بەلباغ، بىر يول« سىياسىتىگە ئاۋاز قوشقانلىق، كۇچا _ »ۇجوگڭ _ پاكىستان مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش« تىكى ئالماشتۇرۇش پونكىتى ھېسابلىنىدۇ، بىز ئىستراتېگىيە ۋە تېخنىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، كۇچادا ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى قارار قىلدۇق.
جۇڭگو داتاڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى كۇچا ناھىيەسىگە 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ 2 x 660mwلىق كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرماقچى بولدى، بۇ، ۋىلايىتىمىز بۇ قېتىم ئىمزالىغان ئەڭ چوڭ تۈر ھېسابلىنىدۇ.
ئوخشاشلا كۇچا ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشقان روڭگۇاڭ يېمەك ـ ئىچمەك پىششىقلاپ ئىشلەش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى گاۋ چۈەنروڭ خۇشال ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىمقى مۇراسىمدا 200 مىليون يۈەنلىك تۈر ئىمزالىدۇق، بۇ يىل 12 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرىمىز. ئاقسۇنىڭ ئالما، چىلان، ياڭاق، ئۈزۈم قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى _ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كۆرسىتىلگەن مەھسۇلات، بىز كۇچانىڭ ئورۇن ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئۈستۈنلىكىنى نىشانلاپ كۇچادا زاۋۇت قۇرۇشنى تاللىدۇق.
شەندوڭ جياباڭ ئوغۇتچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋە بېيجىڭ شىنروڭ ئوراش ـ قاچىلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ شاۋخۇامۇ بۇ قېتىم ئاقسۇ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىلەن ئىككى تۈر ئىمزالىدى، بۇ ئىككى تۈر _ 12 مىڭ توننا ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش، 12 مىڭ توننا پىلاستىر توقۇلما خالتا ۋە ئورالما ئىشلەپچىقىرىش تۈرى بولۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي 220 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.
ليۇ شاۋخۇا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ »بىر بەلباغ، بىر يول« ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدا، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولىدىكى ئىقتىسادىي يادرولۇق رايون ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئېنىق بېكىتىلىپ، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار ئاقسۇنى شىنجاڭ بويىچە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك بازىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلماقتا ھەمدە بىر قاتار ياردەم بېرىش سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۇ، تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت، شۇڭا بىز بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيمىز، ھازىر ئاقسۇدا ئوراش ـ قاچىلاش كەسپى ئەمدىلا باشلاندى، شۇڭا ئىستىقبالى پارلاق.
ۋىلايەتلىك سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇ يۈفاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تاۋار سودىسى يەرمەنكىسىدە، بىز ئاقسۇنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى تونۇشتۇرغاندىن باشقا يەنە نېفىت ـ خىمىيە سانائىتى، تەبىئىي گازغا ئىش قوشۇش، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئىش قوشۇش، قورال ـ جابدۇق ياسىمىچىلىقى، تاۋار سودىسى، ئۇل مۇئەسسەسەگە چېتىلىدىغان 45 نۇقتىلىق تۈرنى ئاساس قىلىپ تونۇشتۇردۇق.
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر