- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاقسۇ ۋىلايىتى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 24 نى ئىمزالىدى
ئىمزالانغان تۈر سوممىسى 15 مىليارد 512 مىليون يۈەنگە يەتتى
2015.08.18 20:47 مەنبە: خەلق تورى
ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورى خەۋىرى. 2015 ـ يىللىق ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودىسى يەرمەنكىسى 8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جىنجياڭ خەلقئارا چوڭ مېھمانسارىيىدا نۇقتىلىق كەسىپ ۋە تۈرلەرنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە تۈر ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. تۈر ئىمزالاش مۇراسىمىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئائىت ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرىدىن جەمئىي 12 مىليارد 592 مىليون 900 مىڭ يۈەنلىك 149 تۈر ئىمزالاندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 24 نى ئىمزالىدى، ئىمزالىغان تۈر سوممىسى 15 مىليارد 512 مىليون يۈەن بولدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ تۈر ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
2015 ـ يىللىق ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودىسى يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىبى يۈ خۈەن مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىم ۋىلايىتىمىز ئىمزالىغان 24 تۈر جېجياڭ، سىچۈەن، جياڭسۇ، شەندۇڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، گەنسۇ، خېبېي، خېنەن، بېيجىڭ قاتارلىق ئۆلكە )شەھەر( لەردىن كەلگەن سودىگەرلەرگە، نېفىت، خىمىيە سانائىتى، پاختا توقۇمىچىلىق، ئېنېرگىيە، سودا، ئىسكىلات قاتارلىق نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر كۈچى تۈرى ئۈچ بولۇپ، تۈر سوممىسى 7 مىليارد 512 مىليون يۈەن؛ توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپى تۈرى تۆت بولۇپ، تۈر سوممىسى 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن؛ يېنىك سانائەت تۈرى توققۇز بولۇپ، تۈر سوممىسى 1 مىليارد 260 مىليون يۈەن؛ سودا، مال ئوبوروتى تۈرى ئىككى بولۇپ، تۈر سوممىسى 400 مىليون يۈەن؛ تەبىئىي گاز، خىمىيە سانائىتى تۈرى بىر بولۇپ، تۈر سوممىسى 300 مىليون يۈەن؛ يېزا ئىگىلىك تۈرى ئىككى بولۇپ، تۈر سوممىسى 170 مىليون يۈەن؛ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تۈرى ئىككى بولۇپ، تۈر سوممىسى 250 مىليون يۈەن؛ قورال ـ سايمان ياساش تۈرى بىر بولۇپ، تۈر سوممىسى 120 مىليون يۈەن بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋىلايىتىمىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۈزلەنگەن زور ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقسۇنىڭ رايون ئورنى، بايلىقى، سىياسەت، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكى قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتىنى ياخشىلاپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپىنى زورايتىپ، يېمەك ـ ئىچمەك يېنىك سانائىتىنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مېتال تاۋلاش كەسپىنى جانلاندۇرۇپ، سودا مال ئوبوروت كەسپى، مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. ئاقسۇنى »تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى كەسىپ بەلبېغىنىڭ مۇھىم ئېشىش نۇقتىسى، يىپەك يولى ئىقتىسادىي يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم ئېشىش نۇقتىسى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش رايونى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇداپىئە رايونى، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەركىزىي رايون« قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.
ۋىلايىتىمىز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى تاڭ شىچۈن تۈر ئىمزالاش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ئىچى ـ سىرتىدىكى كارخانىچىلار ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوستلارنى ئاقسۇغا كېلىپ كۆرۈپ كېتىشكە، ئاقسۇغا مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە تەكلىپ قىلىمىز. بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كارخانىچىلارنى ئاقسۇدا »خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش، خاتىرجەم تىجارەت قىلىش، پۇل تېپىش« ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى يىپەك يولى رىۋايىتى ۋە بايلىق رىۋايىتىنى ئورتاق يېزىپ چىقىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، 2014 ـ يىللىق 4 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا ـ ياۋروپا يەرمەنكىسىدە، ۋىلايىتىمىز ۋەكىللەر ئۆمىكى سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 41 نى ئىمزالىغان، سوممىسى 16 مىليارد 950 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە توختام تۈرى 40، توختام سوممىسى 16 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولغان. ھازىرغىچە 32 تۈر كېلىشىمى ئادا قىلىنغان بولۇپ، تۈرنى ئادا قىلىش نىسبىتى 78% بولغان.
ۋىلايىتىمىز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى تۈر ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر