- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۈگۈر ناھىيەسى پاختا باھا تولۇقلىمىسى تارقاتتى
2015.06.18 15:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەسى ئۆتكەن يىلى 11 – ئايدىن باشلاپ يۇقىرىنىڭ پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھات تولۇقلىما مەبلىقى تارقىتىشنى باشلىغاندىن بۇيان 6 – ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ناھىيە بويىچە 410 مىليون 984 مىڭ 800 يۈەن تولۇقلىما تارقاتتى . بۇنىڭ ئىچىدە ، 1 مىليون 26 مىڭ 200 مو پاختا كۆلىمىگە 274 مىليون 641 مىڭ 200 يۈەن ؛ سېتىۋىلىنغان 198 مىڭ 200 توننا پاختىغا 136 مىليون 343 مىڭ 600 يۈەن تارقاتتى . بۇنىڭدىن 14 مىڭ 948 ئائىللىك دېھقان ، 2728 ئائىللىك يېزا ئىگىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىدىن بولۇپ جەمئىي 17 مىڭ پاختىكار مەنپەئەتلەندى .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر