باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قوش تىللىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئەبەيدۇللا نۇر پەن-تېخنىكىنىڭ پايدىسىنى كۆردى

2015.06.05 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: كۆپ يىللاردىن بۇيان، باي ناھىيەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئەبەيدۇللا نۇر ئۆزى ئۈگەنگەن پەن-تېخنىكا بىلىملىرى، ئاز-ئازدىن توپلىغان مال-مۈلۈكلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە، يۇرتداشلىرىغا جاۋاپ قايتۇردى.

  بىز بۇ دىنىي زاتنىڭ ئائىلىسىگە كىرگەندە ئەبەيدۇللا نۇر ۋە بىر نەچچە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئامما ئۇنىڭ ئۆيىدە كومپىيوتېرنى چۆرىدەپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى باي بولۇش توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا كۆز يۈگۈرتىۋاتقان ئىدى. ئەبەيدۇللا نۇر بولسا ناھىيەلىك چوڭ خانقا مەسچىتىنىڭ ئىمامى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات. ئۇ شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، ئۇ تولىمۇ ئەقىللىق بولۇپ، 2000-يىلدىن باشلاپ كومپىيوتېر بىلىملىرىنى ئۈگەنگەن ھەمدە تىجارەت پۇرسىتى تاپقان. ئۇ ئاۋال ئالتۇن دۇكىنى ئېچىپ، ئارقىدىن گىلەم سېتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇلانغان. توردا ئۈگىنىش ئارقىلىق سودا قىلىشنى ئۈگىنىۋالغان.

  ئەبەيدۇللا نۇر مۇنداق دىدى: «خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۈگەنگەندە پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلەشكە تىز يۈزلەنگىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ كومپىيوتېرغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئىگىلەشتە خەنزۇ تىلىنى ئۈگىنىشنىڭ پايدىسى كۆپ. شۇڭا مەن ئۈزلىكسىز دىني زاتلار ئوقۇشلىقىنى ئوقۇش بىلەن بىرگە، خەنزۇچە ماتېرياللارنى كۆرۈپ ئۆزلىكىمدىن ئۈگىنىش ئارقىلىق خەنزۇچىنى ئىگىلىدىم. ھازىر كومپىيوتېردىن تولۇق پايدىلىنىالايمەن. سودا-سېتىققا ئائىت خەنزۇچە گەپ-سۆزلەرنى، كومپىيوتېرغا ئائىت خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى تولۇق بىلىمەن. ئالتۇن سودىسى قىلىش جەريانىدا ئۈزلىكسىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ئالتۇن سودىسى بىلەن شۇغۇلانغۇچى خەنزۇ يولداشلار بىلەن ئالتۇن سودىسى قىلىپ كېلىۋاتىمەن، بۇ جەھەتتە تىلدا قىينالمايمەن. شۇڭا خەنزۇ تىلى ئۈگىنىشنىڭ پايدىسىنى كۆپ كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن مەن ئىككى پەرزەنتىمنى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇتتۇم».

  خەنزۇ تىلىنى ئۈگىنىپ، خەنزۇچە سۆزلىشىپ، تورغا چىقىپ ئۈگىنىش ئارقىلىق، ئەبەيدۇللا نۇرنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپلا قالماي، خەنزۇ تىلى ئۈگىنىشنىڭ موھىملىقىنى ھىس قىلدى ھەم ئۆزى مەنپەئەتلىنىش بىلەن بىللە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى يېتەكلىدى ۋە ياردەم بەردى.

  ئەبەيدۇللا نۇر پەن-تېخنىكا ئۈگىنىش ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭدى. ئۇ يالغۇز ئۆزى بېيىپلا قالماستىن ئەتراپىدىكىلەرنى بېيىشقا يېتەكلەش بىلەن بىرگە، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئويلاپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار خوشنىلىرىغا ياردەم بىرىپ، ئۇلارنى يۆلەپ، 5000 يۈەن ياردەم قىلدى. ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە نىمىنىڭ قانۇنلۇق، نىمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى دىنىي ئەقىدىلەردە تۇرۇپ، ئاممىغا چۈشەندۈرۈپ، ئەسەبىيلىكنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئاممىنى قانۇن-تۈزۈمگە بويسۇنۇش، ئىناق جەمىيەت قۇرۇش، ھاللىق جەمىيەت قۇرۇش جەھەتتە يېتەكلىدى ۋە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر