باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى: شىنجاڭنى جۇڭگودىكى دۇبەي قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى

2015.03.05 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى فۇ پۇيەن. ليۇ خوڭلۇ فوتوسى.

  «شىنجاڭ قەدىمدە غەربىي يۇرت دەپ ئاتىلاتتى، غەربىي يۇرتتىن باشلاپ، يىپەك يولى تەدرىجىي شەكىللىنىشكە باشلىغان. قەدىمدىمۇ شۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ.» يېقىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى فۇ پۇيەن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا شۇنداق دېدى، جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىن ياۋرو ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات ئىستىراتىگىيەسىدىكى ئىستىھكام، شىنجاڭ ئىسمى ـ جىسمىغا لايىق ئۆتمىسە بولمايدىغان بوغۇز، شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقساقلا يىپەك يولىمۇ ياخشى بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ يوللىرى راۋانلاشسىلا، يىپەك يولىنىڭ يوللىرىمۇ راۋانلىشىدۇ.

  «بىزنىڭ شىنجاڭنى جۇڭگودىكى «دۇبەي» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىشەنچىمىز بار. دۇنيانى چاقىرىپ، شىنجاڭنى نامايان قىلايلى.» فۇ پۇيەن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، 2014-يىلى 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا، مەركەز شىنجاڭنى يىپەك يولى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رايون، شىنجاڭنى ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيانىڭ سودا، ئوبوروت، ساياھەت، مەدەنىيەت، قاتناشتىن ئىبارەت بەش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى بەلگىلىدى، شىنجاڭنىڭ ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدىكى ئادىمى بولۇش سۈپتىم بىلەن، ئىقتىسادىي چوڭ ۋەزىيەت، رايون تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلگەندە مېنىڭ جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى يولۇچىلار ئېقىمىنى %15 ئەتراپىدا ئاشۇرۇپ، سىھىرلىك زىمىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقۇم بار.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇدا ئۈچ يىل خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان فۇ پۇيەن ئۆزىنىڭ مەسئولىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يەتكەن ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلغان، «يىغىن ئىستىلى، مەدەنىيەت ئىستىلىنىڭ بارغانچە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىش بىجىرىلىش ئۈنۈمىمۇ بارغانچە ئۆسۈۋاتىدۇ. مەن ئۆزۈم جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، تەكلىپ ـ پىكىرلەرگە جاۋاپ قايتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتى. دۆلىتىمىزنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمى يەنىلا ناھايىتى يوقىرى شۇنداقلا ۋەكىللەرنىڭ تۈرلۈك پىكىر ـ تەكلىپلىرىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. فۇ پۇيەن، 2014-يىلى «ئۈرۈمچى ئايرودرومىنى ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيادىكى مەركىزىي ئاۋىئاتسىيە تۈگۈنى»قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەكلىپىنى بەرگەندىن كېيىن، 2014-يىلى 12-ئايدىلا خەلق ئاۋىئاتسىيەسى ئىدارىسىنىڭ «شىنجاڭ خەلق ئاۋىئاتسىيەسىنى يەنىمۇ راۋاجلانشۇرۇشقا دائىر پىكىر»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پەقەت قول كۆتۈرۈشكىلا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن پىكىر ـ تەكلىپلىرى ئەمەلىيلىشىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر