باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسى «ئۈچ چوڭ ئىستىراتېگىيە» ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى

2014.09.16 13:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: يېقىندا، كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رەستە كوچا ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئوردا باغ مەھەللىسىدىكى «ئىگىلىك تىكلەش باشلامچىسى» ھېمىت نۇر مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئۈچ يىل ئىلگىرى مەن مەھەللىمىزدىكى نامى بار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىسى ئىدىم، ھازىر مەھەللە بەرپا قىلىپ بەرگەن ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا ماڭدىم.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە يېتەكچى كەسپلەرنى زىچ چۆرىدەپ، سانائەت ئارقىلىق ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، سودا-ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ناھىيەنى جانلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، ئۆز يۇرتىدا ئىگىلىك تىكلەش ئىستراتېگىيەسىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ ئىستىراتېگىيە»نى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز جايىدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  بۇ ناھىيە «سانائەت ئارقىلىق ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، نېفىت، گاز، خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر ئېنېرگىيەسى، رودا تاۋلاش، ماشىنا -سايمان ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك قاتارلىق «سەككىز چوڭ تۈۋرۈكلۈك كەسىپ»نى چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتتى. ھازىر ناھىيە بويىچە كۆلەملەشكەن كارخانىدىن 44 ى، كىچىك كارخانىدىن 183ى بارلىققا كېلىپ، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي سالمىقىدا %45 نى ئىگىلىدى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 100 مىڭدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچلىرى %45 تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى. «سودا-ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ناھىيەنى جانلاندۇرۇش» ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، «بازار قۇرۇش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ماركا يارىتىش»نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مال توپلاش-تارقىتىش جايى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆزلىگەن جايى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئوچا مىللىي يېمەك-ئىچمەك كوچىسى، كۈسەن ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، نان شەھەرچىسى قاتارلىق مىللىي خاسلىققا ئىگە مال سېتىۋېلىش، يېمەك-ئىچمەك تۈرلىرىنى بەرپا قىلدى؛ خۇانېڭ سودا شەھەرچىسى، خوڭگۇاڭ ئاپتوموبىل شەھەرچىسى، دېفېڭ سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قاتارلىق سودا، ئەشيا ئوبوروت تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، 50 مىڭ ئادەمنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %80 ى ئۆز جايىدىكى ئەمگەك كۈچلىرى بولدى. «ئۆز يۇرتىدا ئىگىلىك تىكلەش» ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكى، باغ ئورمانچىلىق كەسپى ۋە مىللىيچە مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياجنى چۆرىدەپ، ئۆز جايىدىكى ئاممىنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا كۈچەپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپلىرىنى يۆلىدى. بۇ يىل 7 ئايغىچە، ناھىيە بويىچە 74 دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ۋە مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمىنى 6000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى ۋە كەشتىچىلىك، توقۇمىچىلىق، پىلاستىماسسا بۇيۇملار، ئالتۇن-كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى، مىللىيچە كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى، يېمەكلىك قاتارلىق تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، 214 كىچىك تىپتىكى ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدە شەكىللەندۈرۈپ، 1500 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر