باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نىڭبو شەھىرى كۇچا ناھىيەسىدە چوڭ تىپتىكى سودا مەركىزى قۇرماقچى

2014.09.16 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: جېجياڭ ئەسىر پاي كونترول گۇرۇھى 1 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىغان كۇچا ناھىيەسىدىكى چوڭ تىپتىكى سودا مەركىزىگە ئۇل سېلىش مۇراسىمى 10-سېنتەبىر كۇچادا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تۈرنى كۇچادىكى جېجياڭلىق سودىگەرلەر ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى كونكرېت يولغا قويۇپ، ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىدۇ .تۈرنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 400 مىڭ كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 450 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇ مەركەزدە «سەككىز شەھەرچە، بىر مەركەز» يەنى يىۋۇ سودا شەھەرچىسى، خەينىڭ خرۇم بۇيۇملىرى سودا شەھەرچىسى، جېجياڭ ئائىلە توقۇمىچىلىقى، يىنىڭ توقۇمىچىلىق شەھەرچىسى، گۇاڭجۇ كىيىم -كېچەك شەھەرچىسى، كۇچا مال ئوبوروت شەھەرچىسى، كۇچا شياڭگاڭ شەھەرچىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ شادلىق شەھەرچىسى، ئەلى ئېلېكتىر سايمانلىرى شەھەرچىسى ۋە كۈسەن ساياھەتچىلىك مەنزىرە كوچىسى مال سېتىۋېلىش مەركىزى بولۇپ، تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەلقئارا سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش نىشانلانماقتا.

  ئىگىلىنىشىچە، جېجياڭلىق سودىگەرلەر ئەسىر مەبلەغ سېلىش پاي كونترول گۇرۇھىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ كۇچا ناھىيەسىگە مەبلەغ سېلىشى كۇچا ناھىيەسىدە تاۋار سودىسىنى جانلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ، شەھەر ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر