باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا مەدەنىيەت كەسپى مەخسۇس تۈرىگە 40 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلدى

2014.04.24 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدا 2014–يىلى مەدەنىيەت كەسپىگە ئاجرىتىلىدىغان 40 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاپرېلنىڭ باشلىرىدا نەقلەشكەن. بۇ مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن.

  يېقىندا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى مەدەنىيەت كەسپى باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاساسلىقى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، شۇنداقلا تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، ئىجادچانلىققا ۋە يېڭىلىق يارىتىشچانلىققا ئىگە بولغان مەدەنىيەت كەسپى تۈرىگە ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى مەدەنىيەت كەسپى باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مىللىي ناخشا–ئۇسسۇل، ئۆرپ-ئادەت، قول ھۈنەر كەسپىگە تايىنىپ تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەت كەسپى كارخانىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان، بۇ كارخانىلار مەدەنىيەت–سەنئەتنى ئالغا سىلجىتىپ كەسىپكە ئايلاندۇرۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان، كۆپ قىسىم مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار بولۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن مەبلەغ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر