باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىش سۈرئىتى تېز بولدى

2014.04.24 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-پەسىلدە ئاھالىنىڭ ئەمەلىي كىرىمى %8.6 ئاشتى، شەھەر-بازارلاردا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتىئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟ پۇقرالارنىڭ كىرىمى بۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەمدۇ؟ 1-پەسىللىك جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتى سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىنىشى بىلەن بۇ ئەندىشىلەر بىر-بىرلەپ يوقالدى.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، شەھەر-بازارلاردا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ياخشى بولدى، يىللىق نىشان-ۋەزىپىنىڭ 30 پىرسەنتى ئورۇندالدى؛

  1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىلكىي كىرىمى 5562 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.1 نامىي ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە %8.6 نەق ئاشتى. ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى، پۇقرالارنىڭ ھەميانى تومپىيىپ، يۈرەكلىك ھالدا پۇل خەجلىيەلەيدىغان بولدى؛

  خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە نۇرغۇن ئىسلاھات يېڭى تەدبىرلىرى ئالدىن يولغا قويۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقىي ياخشىلاندى. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈلدى، ئەر-خوتۇننىڭ بىرى يالغۇز پەرزەنت بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئىككى بالىلىق بولۇشىغا رۇخسەت قىلىندى، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش بويىچە ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ «ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئېلىشى» ئىشقا ئاشۇرۇلدى... خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھات پۇقرالارغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزدى.ئىقتىسادنىڭ ئېشىش قەدىمى ئاستىلىغان بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىش قەدىمى تېزلەشتى، بۇ 1-پەسىلدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر