باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-بەش يىللىق يىرىك پىلانغا ئائىت زور تېمىلارغا ئاشكارا خېرىدار چاقىرىلدى

2014.04.24 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى پياۋمىن 23-چېسلا 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىرىك پىلاننى ئاشكارا، دېموكراتىك تۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانغا ئائىت دەسلەپكى تەتقىقاتنى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئومۇمىيلىققا ئىگە 25 زور تېمىنى تاللاپ توردا ئېلان قىلىپ، ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى تەشكىللەپ تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يىرىك پىلان تۈزۈشتە بۇ يىل تۆت جەھەتتىكى خىزمەت نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇلىدۇ: بىرىنچى، دەسلەپكى تەتقىقاتنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەش؛ ئىككىنچى، «ئاساسىي پىكىر يولى» لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ ئۈچىنچى، يىرىك پىلان تۈزۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى باشلاش؛ تۆتىنچى، يىرىك پىلانغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش. (جۇ جيەنخۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر