باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«چىۋەرقىزلار» گىلەمچىلىكىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى رەسمىي قۇرۇلدى

2014.04.24 18:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەسەنجان داۋۇت

  بىڭتۇەن 3- شى 51- تۇەندىكى «چىۋەر قىزلار» گىلەمچىلىكىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى يېقىندا رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ تۈر بىڭتۇەن ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 400 مىڭ يۈەن، تۇەن-مەيداننىڭ 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشى ۋە شەخسلەرنىڭ مەبلەغ غەملىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، بىڭتۇەن ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جاڭ شىنرۇڭ، 3- شى تۇمشۇق شەھەرلىك پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈەن يۈلىڭ قاتارلىقلار ۋېۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  51- تۇەننىڭ توققۇز ساراي گىلەمچىلىك كارخانىسى ۋە 6 تەربىيەلەش نۇقتىسىدا جەمئىي 100 دەستىگاھ، 51 ئۇستا، 400دىن ئارتۇق شاگىرت بار بولۇپ، گىلەم توقۇش بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بۇ تۇەن دەستىگاھ ۋە ماتېرىيالنى تۇەن تەمىنلەش، ئۇستىلارغا ھەر ئايدا 3000 يۈەن تولۇقلىما بېرىش، شاگىرتلارغا 600 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىش تەدبىرىنى قوللاندى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ تۇەن جەمئىي 12 مىڭ كىۋادرات مېتىر گىلەم توقۇپ، مەھسۇلات قىممىتىنى 20 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 2500 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۆلچەرلىدى.

  ئادرېس: قەشقەر شەھىرى قىزىل دۆۋە يولى 440- نومۇر، «زەرەپشان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر