مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆيدىن چىقمىغان مەزگىلدىكى تۇرمۇش ھەققىدە ئويلىنىش

2020.03.30 19:05 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئويلىمىغان يەردىن «ئۇزۇن دەم ئېلىش»قا ئىگە بولدى، نۇرغۇن كىشىلەر «ئۆيدىن چىقمىغان مەزگىلىدىكى تۇرمۇش»ى توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىدى.

  بىرىنچى، بۇ مەزگىلدە كىتاب ئوقۇپ، ئۆگىنىش قىلدىڭىزمۇ؟ ئادەتتە خىزمەت ئالدىراش، ۋاقىت يوق، ھازىر ئۆيدە ئولتۇرىدىغان كۆپ ۋاقىت بار، لېكىن قانچىلىك ئادەم كىتاب ئوقۇپ باقتى؟ تېلېۋىزور كۆرىدۇ ياكى تېلېفون ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئادەتتە ۋاقىت چىقىرالماسلىق پەقەت بىر باھانە خالاس، پەقەت كۆڭۈلنى تىنچلاندۇرۇپ كىتاب ئوقۇمايمىز، ئۆگىنىش قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچمۇ يوق.

  ئىككىنچى، بۇ مەزگىلدە ياخشى ئارام ئالدىڭىزمۇ؟ ئادەتتە كىشىلەر دائىم ھاردىم، ئارام ئالىدىغان ۋاقتىم يوق دەپ ئاغرىنىدۇ. ھازىر دەم ئېلىش ۋاقتى ئۇزىراپ، ۋاقىت يېتەرلىك بولدى، لېكىن يەنە قانچە ئادەم ياخشى ئارام ئالالىدى؟ ئەتىسى ئەتىگەندە بالىلىرىنى تور دەرسىگە قاتناشتۇرىدىغان ئاتا-ئانىلاردىن باشقا، كەچ سائەت 11:00، 12:00دىن بۇرۇن ئۇخلايدىغانلار قانچىلىك؟ ئىشقىلىپ ئەتە ئىشقا بارمايمەن، ئۇخلىۋالسام بولىدۇ، دەپ ئويلاپ، كەچتە ئۇخلايدىغان ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدۇ، ھەتتا يوتقانغا كىرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ دوستلار چەمبىرىكىنى يەنە بىر قېتىم ئايلىنىپ قويىدۇ.

  ئۈچىنچى، بۇ مەزگىلدە ئۆيدىكىلەرگە ياخشى ھەمراھ بولدىڭىزمۇ؟ ئادەتتە خىزمەت ئالدىراش، بېسىم ئېغىر بولغاچقا، ئۆيدىكىلەرگە ھەمراھ بولىدىغان ۋاقىت ئاز بولىدۇ. ھازىر ۋاقىت بار، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بىللە، لېكىن يەنە قانچىلىك ئادەم ئۆيىدىكىلەرگە چىن كۆڭلىدىن ياخشى ھەمراھ بولۇۋاتىدۇ؟ ئۆيىدىكىلەرنىڭ بىرى تېلېۋىزور كۆرسە، بىرى يان تېلېفون ئوينايدۇ، بىر كۈندىكى دېئالوگىنىڭ سانىمۇ چەكلىك.

  كىتاب ئوقۇش، ياخشى ئارام ئېلىش، ياخشى ھەمراھ بولۇشتەك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي قائىدىلەرگە بىز ھەمىشە سەل قارايمىز ۋە ئۇنى ئۇنتۇپ قالىمىز. يۇقۇم شارائىتىدىكى ئۆيدىن چىقمىغان تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ