باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

دىققەت قىلىڭ! تاماق ۋاقتىدا تېلېۋىزور كۆرگەندە، سېمىزلىك خەۋپى تۆت ئۈلۈش ئېشىپ كېتىدىكەن

2017.03.14 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا، دائىم ئۆيدىكىلەر بىلەن تاماق يېگەندە، سېمىزلىك خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىلاتتى. ئامېرىكىدىكى يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۆيدە تاماق يېيىش ئارقىلىق سەمىرىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئىككى مۇھىم نۇقتىسى بار ئىكەن: بىرىنچىسى، ئائىلىدە تاماق يېيىش، ئىككىنچىسى، تاماق يېگەندە تېلېۋىزور كۆرمەسلىك.

  ئوخايو تېببىي ئىنستىتۇتى ھۆكۈمەت بايلىقى تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار ئوخايو ئىشتاتىدىكى 13 مىڭغا يېقىن ئاھالىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تەھلىل قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە غىزالانغان قېتىم سانى بىلەن سېمىزلىكنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئارىسىدا ئانچە چوڭ مۇناسىۋەت يوقلۇقىنى، بىراق ئەگەر ئۆيدىكىلەر ئەتكەن تاماقنى يېگەندە، سېمىزلىك خەۋپىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا %26 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى، تاماق يەۋاتقاندا ئەزەلدىن تېلېۋىزور كۆرمەيدىغان كىشىلەردىكى سېمىزلىك خەۋپىنىڭ بىر تەرەپتىن تاماق يەپ، بىر تەرەپتىن تېلېۋىزور ياكى سىن كۆرىدىغانلارغا قارىغاندا %37 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  تەتقىقاتچىلار ئەسكەرتىدۇكى، مەيلى تاماق يەۋاتقاندا تېلېۋىزور كۆرۈش بولسۇن، ياكى ئاشخانىدا تاماق يېيىش بولسۇن، ھەممىسى ئاسانلا كىشىلەرنىڭ تاماق مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، ھەتتا چوڭ يەپ-چوڭ ئىچىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئۇزاق داۋاملاشسا تەبىئىيلا بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشقا پايدىسىز بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن زاكاز تاماق، ئۇششاق يېمەكلىك ياكى ئاشخانىدىكى تاماقلارنىڭ تۇزى كۆپ ھەمدە مايلىق بولۇپ، ئۆيدە ئەتكەن تاماقتەك ساغلام ئەمەس ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر