باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

يىغلاڭغۇ ئەمەس بوۋاق تۇغۇشنى ئويلامسىز؟ ئۇنداقتا ئەللەي ناخشىسىنى كۆپ ئېيتىپ بەرسىڭىز پايدىسى بولۇشى مۇمكىن

2017.03.14 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كەلگۈسىدە ئاتا-ئانا بولماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى يىغلاڭغۇ ئەمەس بالا تۇغۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا مۇشۇ ئارزۇغا يەتكىلى بولىدۇ؟ ئىتالىيە مىلان ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: ھامىلىدارلىق مەزگىلى ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بالىغا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بەرسە، پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.

  تەتقىقاتچىلار «ئاياللار ۋە تۇغۇت» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇلار 170 نەپەر ھامىلىدار ئايالنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان، بىر گۇرۇپپىدىكىلەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بالىسىغا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بەرگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى ئانىلار ناخشا ئېيتىپ بەرمىگەن. سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بەرگەن گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ يىغلىغان ۋاقتى %18.5 بولغان، ئەمما ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بەرمىگەن گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ يىغلىغان ۋاقىتى %30 بولغان.

  ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۈچەي سانجىقى كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، بوۋاقلار توختىماي يىغلايدىكەن، لېكىن بوۋاققا ناخشا ئېيتىپ بەرگەن گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ بالىلىرى ئۈچەي سانجىقى كېسىلىگە گىرىپتار بولسىمۇ، ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن يىغلىغان ۋاقتى پەقەت تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن.

  تەتقىقاتچىلار ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: ئانا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بەرسە، ئانا بىلەن بوۋاقنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئەھۋال يەنە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئانا بېسىمىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر