باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

قەھۋەنىڭ روھلاندۇرۇش ئۈنۈمى ئادەمنىڭ گېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

2016.08.30 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ( ماتېرىيال سۈرەت )

  نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچسىلا روھلىنىپ كەتسە، يەنە بەزىلەر ھەتتا بەش ئىستاكان ئىچىسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ؟ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنى ئادەمنىڭ گېنى بەلگىلەيدىكەن.

  ئەنگلىيە ئىدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىتالىيە رىياست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى گوللاندىيە ۋە ئىتالىيەلىك 3000 «قەھۋەخۇمار»نىڭ گېنىنى ئانالىز قىلغان ھەمدە ئۇلارغا كۈندىلىك قەھۋە مىقدارى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش سوئالىنى ئىشلەتكۈزگەن. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، PDSS2 گېن ئۆزگىرىشىنى ئېلىپ يۈرگەن تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ كۈندىلىك قەھۋە مىقدارى بۇ خىل گېن ئۆزگىرىشى يوق كىشىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولغان. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، PDSS2 گېن ئۆزگىرىشى ئادەم بەدىنىنىڭ كوففىئېننى پارچىلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، كوففىئېننى ئادەم بەدىنىدە تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىيالايدىكەن. ئالاقىدار تەكشۈرۈش دوكلاتى ئەنگلىيەنىڭ «پەن - تېخنىكا دوكلاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئەمما، تەتقىقاتچىلار تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغاندىلا، ئاندىن PDSS2 گېن ئۆزگىرىشى بىلەن قەھۋەنىڭ ئىستېمال مىقدارى ئوتتۇرىسىدىكى بىيولوگىيەلىك مۇناسىۋەتنى ئېنىقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر