- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان ئادەتلەر
2016.05.27 11:21 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
باش قاشلاش. بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش، چاچنىڭ ئۇچى يېرىلىش، چاچقا بالدۇر ئاق كىرىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماق يەپ بولۇپ ئۇزۇن ئولتۇرۇش. بەزى ئاياللار تاماقنى تويغىچە يەپ بولۇپلا پاراڭلىشىپ ياكى تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ناچار ئادەت ئۇزاق داۋاملاشسا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ساغرىسى ساڭگىلاپ، قورساق سالىدۇ، شۇڭا ئاياللار تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن مېڭىپ ياكى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بەرسە ئىنتايىن پايدىلىق.
دۈم يېتىپ ئۇخلاش. بىر قىسىم ئاياللار دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق بولۇۋەرسە يۈز بېسىلىپ، قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، يۈز ئىششىپ، بارا–بارا چىرايىنى سەتلەشتۈرىۋېتىدۇ.
كۆپ تاماق يېيىش . تاماقنى كۆپ يېگەندە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەن گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر