باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

بالام سورىغان سۇئاللار

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.18 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى بالامنى خالىغىنىچە ئوينىتىپ، ناھايىتى كەچ ئۆيگە قايتىپ ماڭدۇق. ئاسماندا يۇلتۇزلار چاراقلاپ يېنىپ، ئەتىكى ئوچۇق ھاۋادىن دېرەك بېرەتتى. ئوغلۇمنىڭ نېمىشقىدۇر ئاسمان جىسىملىرىغا ئىشقى كۈچلۈك ئىدى، كېچىلىرى ھە دېسىلا يۇلتۇزلارغا سەپسېلىپ قاراپ، ئۇنى-بۇنى سورايتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى، قولىنى چىڭ تۇتۇۋالمىسام، ئۇ ئاسمانغا قارايمەن دەپ يولدىنمۇ چىقىپ كېتىۋاتاتتى.

  ـــ ئاپا، قاراڭ، ئايروپىلان! ــ دېدى ئۇ ئاسماننى كۆرسىتىپ چۇقۇراپ.

  ـــ ھە....ـــ كۆز بىلەن ئاسان كۆرگىلى بولمايدىغان بىر بوشلۇقتا بىر ئايروپىلان ۋالىلداپ يۇرۇپ قاياققىدۇر كېتىۋاتاتتى،ـــ راست ئايرۇپىلانكەن، يولۇچىلار ئايرۇپىلانى بولسا كېرەك،ــ دېدىم بالامغا ئوخشاشلا خۇشال بولۇپ.

  ـــ ئاپا، ئايروپىلان بىلەن ئايغا چىققىلى بولامدۇ؟ـــ دېدى ئوغلۇم ئايروپىلان كۆزىمىزدىن يۈتكەندىن كېيىن.

  ــ ھەئە، ئەلۋەتتە چىققىلى بولىدۇ، قوزام. ئەمما سەل ئالاھىدىرەك ئايروپىلان بىلەن چىققىلى بولىدۇ، ئايغا چىقىدىغان ئايروپىلاننى ئالەم كېمىسى دەيمىز.

  ــ ئالەم كېمىسى؟ ئۇنى قانداق ياسايدۇ؟...

  ـــ ئالەم كېمىسىنى دەرستە ئەڭ ياخشى ئوقۇغان بالىلار چوڭ بولغاندا ياساپ چىقالايدۇ. سىزمۇ ياخشى ئوقۇسىڭىز ئەڭ تېز، ئەڭ بىخەتەر ئالەم كېمىسى ياساپ، دادىڭىز بىلەن مېنى ئېلىپ ئايغا چىقالايسىز.

  ـــ نېمە دېگەن ياخشى! مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن، ئاپا. يەنە سىزنى ئېلىپ باشقا يۇلتۇزلارغىمۇ چىقىمەن. ئالەم كېمىسى يۇلتۇزلارغىمۇ چىقالايدۇ ھە، ئاپا؟

  ـــ ئەلۋەتتە، ياخشىلا ئوقۇسىڭىز ھەممىنى قىلالايسىز.

  ـــ ئاپا، سىز چوڭ ئاپامنى ئېلىپ ئايغا چىقىپ باققانمۇ؟

  ـــ ياق، بالام.

  ــ نېمىشقا؟

  مەن بالامغا قاراپ تېڭىرقاپلا قالدىم. ئۇ مېنىڭ خېلى ئۇزۇنغىچە جىمىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ يەنە مۇنداق دېدى:

  ــ ھە، ئەسلىدە سىز ياخشى ئوقۇماپتىكەنسىز–دە. شۇڭا سىز ئايغا چىققىلى بولدىغان كېمە ياسىيالماپسىز، شۇنداقمۇ؟... نىمىشقىمۇ ياخشى ئوقۇمىغان بولغىيدىڭىز؟... ياخشى ئوقۇغان بولسىڭىز، مەن ھەرگىز بۈگۈنكىدەك يالغان، ئۇچالمايدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يۈرمەس ئىدىم...

  ـــ ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئوخشاش بولمايدۇ، بالام، مەن كىچىك چاغلىرىمدا سىزگە ئوخشاش ئايروپىلانغا قىزىقمايتتىم، قىزىققان بولسام مەنمۇ چوقۇم ئايروپىلان ياسىيالىغان بولاتتىم...ـــ دېدىم تاققا-تۇققۇ چۈشەندۈرۈپ.

  ـــ ئەمىسە سىز دېھقانچىلىق تېخنىكىسىغا قىزىقامتىڭىز؟ ئەمىسە نېمىشقا قىش ۋاقتىمۇ توڭلاپ قالماي دەرەختە كۆكۈرۈپ تۇرىدىغان ئالما، نەشپۈت دەرىخى ياسىيالمايسىز؟...نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. يۇزلىرىم قىزاردى. خاتا جاۋاب بېرىپ قويۇپ يەنە قانداق سۆز بىلەن توغرىلاشنى، قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمىدىم.

  شۇ چاغدا ئۆينىڭ ئالدىغىمۇ كېلىپ قالغان ئىدۇق. بىزنى ساقلاپ تۇرغان يولدىشىم ئۇدۇل قوشنىمىزنىڭ مېھمان چاقىرغانلىقىنى، بىزنىمۇ چاقىرىپ قويغانلىقىنى، بىز كەلمىگەنسېرى قوشنىمىزنىڭ تولا بالا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. مەن بالامنىڭ دىققەت قىلمىغان ۋاقتىدىن پايدىلنىپ، ئوغلۇم بىلەن يولدا كەلگۈچە ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن سۆزلەرنى يولدىشىمغا ئېيتىپ بەردىم. يولدىشىمنىڭ چىراي ئىپادىسى مېنىڭدىن پەرقسىز بولدى. ئۇ ئادەتتە مېنى بەك ياۋاش-يۇمشاق كۆرۈپ، ھە دېسە ماڭا ئىش ئۆگىتىپ كېتەتتى:«مۇنداق دېسەڭ بولمامدۇ، ئۇنداق دېسەڭ بولمامدۇ؟ گاچىمۇ سەن-ھە؟ قاراپ تۇرۇپ گەپ بېرەلمەي قاپسەن...» دەيتتى ئۇ دائىم. ئۆزىمۇ گەپكە يامان ئىدى، ئەمما مېنىڭ بالىسى بىلەن بولغان گەپلىرىمنى ئاڭلاپ، نېمىشقىدۇر ماڭا ھېچقانداق جاۋاب ئۆگىتەلمىدى.

  بالامنى ئېلىپ ئۇدۇللا قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە ھېيت پەتىسى قىلىپ كىردۇق. بۇ قوشنام ئادەتتە ناھايىتى چېچىلاڭغۇ، يالغان-ياۋىداق گەپنى تولا قىلىدىغان، ھە دېسە يولدىشى بىلەن سوقۇشۇپ، بالىلىرىنى تولا ئۇرىدىغان، سەل ھازازۇلراق چوكان ئىدى. قوشنا بولغاچقىلا ئۇنىڭ بىلەن زورلاپ ياخشى ئۆتەتتىم. كىرسەك، تېلېۋىزور ئوچۇقكەن، ئەمما تېلېۋىزورنى كۆرىدىغان ئادەم يوق. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ پارىڭىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن. بىزمۇ يولدىشىم بىلەن مېھمانلارنىڭ قىزىقارلىق پاراڭلىرىغا قوشۇلۇپ كۈلۈپ ئولتۇراتتۇق، تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان بالام سوئال سوراپ قالدى:

  ــ ئاپا، قاراڭ، تېلېۋىزوردىكى ئاۋۇ ئاچاش تاماكا چېكىدىكەن. ئاپا، ئايال كىشىمۇ تاماكا چېكەمدۇ؟

  ـــ ئەسكى ئاياللار تاماكا چىكىدۇ، ئوغلۇم،ــ مېھمانلارغا چاي لىقلاۋاتقان قوشنام ئالدىراپلا جاۋاب بەردى.

  ــ ئەمىسە سىز نېمىشقا تاماكا چەكمەيسىز؟ــ دېدى بالام ئۇلاپلا.

  ــ نېمە دەيسەن ھەي! بۇ ئاناش نېمە دەپ تاماكا چەككۈدەك؟ــ دېدىم بالامنى سىلكىشلەپ.

  ــ ئۇ ئاناش ئەسكى تۇرسا... ئۇ كەچكىچە رىفات ئاكامنى ئۇرىدۇ... داداش بىلەن ئۇرۇشىدۇ...

  ئۇنى قالايمىقان سۆزلىمە دەپ يۈرۈپ ئارانلا توختىتىۋالدىم، ھەم نېمە قىلىشىنى بىلمەي ئۆڭۈپ، قارىداپ تۇرغان قوشنامغا كۆڭۈل ئېيتىپ، خۇددى يىڭنىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇپ كەتتىم. بەزى مېھمانلار ساھىبخانغا كۆرسەتمەي، ھەتتا پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ ئۆيدىن ئارانلا يېنىپ چىقىۋالدىم.

  شۇ كۇنى كەچتە زادىلا ئۇخلىيالمىدىم. قارىسام، ئۆزىنى بالىسىنىڭ ئالدىدا قالتىس چاغلايدىغان يولدىشىممۇ ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپ، خېلى چاغقىچە ئۇخلىيالمىدى...

  2011- يىل 12-ئاي، خېجىڭ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر