باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

شېئىر ئىجادىيىتى ۋە شېئىر تەرجىمىچىلىكى(2)

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

2014.10.28 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يادىمىزدا بولۇشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، ئىجادىيەتكە كىرىشكەندە چوقۇم ئۆزىمىزگە، ۋەتىنىمىزغا، مىللىتىمىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىجادىيەت خاھىشىدىن قەتئىي ھەزەر ئەيلىشىمىز لازىم. شۇنداق بولغاندىلا بىزنىڭ شېئىرلىرىمىز يىراق كەلگۈسىگە مەردانە پېتى يېتىپ بارالايدۇ. يەنە بىرسى، تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى تولۇق قېزىشىمىز كېرەك. قازغاندىمۇ سۆزلەرنىڭ ئادەتتىكى مەنە قاتلىمىغىلا ئېسىلىۋالماي، بەلكى شېئىرىي ئىستىمالدىكى سۆز بىلەن سۆز يانمۇ-يان تۇرغاندىكى شېئىرىي كەيپىيات ھەققىدىمۇ كۆپرەك ئىزدەنگىنىمىز تۈزۈك. مەسىلەن، «كەلدى غەملەر، كېتىپ خۇشاللىق» دېگەن مىسراغا قارىغاندا «خۇشاللىققا ئۇۋىلىدى نۆل» دېسەك، بۇنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە تەسىر كۈچىدە ئوخشىماسلىق بولىشى مۇمكىن.ھەممە قەلەمكەش ئۈچۈن ئورتاق بولغان بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتقان، ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇش، ئوقۇغاندىمۇ تەتقىقات كۆزىدە ئوقۇش ۋە ئۈزۈكسىز تۈردە بەدىئىي تەپەككۇر قوينىدا ياشاش؛ گاھىدا ئىلھامنىڭ كېلىشىنىلا ساقلاپ تۇرماي، ئىلھامنى ئۆزىمۇ ئىزدەش. شۇنداق قىلالىغان قەلەمكەش ئىجادىيىتىدە ئۈزۈكچىلىكتىن ساقلىنالايدۇ ۋە ياراتقان پەللىسىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

  2

  شېئىر تەرجىمىسىگە كەلسەك، بۇ خىل تەرجىمىنىڭ شائىر تەرجىمانلار ئۈچۈن كۆرسەتكەن تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. ھەر قانداق بىر تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ۋە جۈملە قۇرۇلمىسىدا ئۆزىگە خاس ئىچكى قانۇنىيەت بولىدۇ. شائىر ئانا تىلدا ئەنە شۇ ئىچكى قۇرۇلمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇڭا يات تىلدىكى يەنە بىر شائىر ئۇ خىل شېئىرنى ئوقۇغاندا، چوقۇم ئۆز تىلىغا ئوخشىمايدىغان ئىپادىلەش ئامىللىرىنى بايقايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئىجادىيىتىدە بەلگىلىك ئىلھام ئالىدۇ.

  تەرجىمە جەريانىدا شائىر يەنە شۇنىمۇ بايقايدۇكى، بىر تىلدا ناھايىتى گۈزەل تۇيۇلغان شېئىر يەنە بىر تىلغا ئاغدۇرۇلغاندا ئۇ خىل گۈزەللىكىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ھەتتا بەزى شېئىرلارنى مەنەن تەرجىمە قىلغاندا، ئادەتتىكى گەپتەكلا بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تەرجىمان ئۇنى ئۆز مىللىي شېئىرىيەت ئەنئەنىسى كاتىگورىيەسىگە ئەكىرىش يولىدا خېلى كۈچىگەندىلا، ئاندىن ئۇ شېئىرغا ئوخشايدۇ. شۇڭا شېئىر تەرجىمسىنى باشقا ئەدەبىي ئەسەر تەرجىمىسىگە سېلىشتۇرغاندا ئاتمىش پىرسەنت، ھەتتا يەتمىش پىرسەنت ئىجادىي ئەمگەك، دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان كىشى بۇنى ھېس قىلالمايدۇ.

  مېنىڭچە، شېئىر تەرجىمىسدە شۇ شېئىرنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا ئوقۇرمەنگە تولۇق يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

  بىرىنچىدىن، چوقۇم ئەينەنلىككە سادىق بولۇش لازىم. ئەينەنلىككە سادىق بولۇش دېگەندە، مۇنداق ئىككى نۇقتا كۆزدە تۇتىلىدۇ: بىرى، شېئىردا ئىپادىلەنگەن تۇيغۇ ۋە مەنەگە سادىق بولۇش. يەنە بىرى، شېئىرنىڭ شەكلىگە سادىق بولۇش. ناۋادا مەنەدىكى ئەينەنلىككە سادىق بولمىغاندا، شائىرنىڭ بەدىئىي مۇددىئاسىنى تولۇق ئىپادىلىگىلى بولماي قالىدۇ. ئەگەر شېئىرنىڭ ئەسلى شەكلىگە سادىق بولمىغاندا، شۇ شېئىرنىڭ ئۆز تىلىدىكى شېئىرىي شەكىل گۈزەللىكىگە تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا شائىرنىڭ ئۇسلۇبىمۇ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، ئەينەنلىككە سادىق بولۇش ئاساسىدا قىسمەن ھالدىكى ئىجادىيلىقنىمۇ چەتكە قاقماسلىق كېرەك. سەۋەبى، نوقۇل ھالدىكى مەنەگە سادىق بولۇشمۇ تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىنى بوغۇپ قويىشى مۇمكىن. چۈنكى بىر تىلدىكى مەلۇم چۈشەنچىلەرنى بېرىدىغان سۆز بىلەن يەنە بىر تىلدىكى شۇ خىل سۆزنىڭ ئىپادىلەش كۈچىدە قىسمەن پەرقلەر مەۋجۇت. شۇڭا شېئىردىكى غول لېنىيەنىڭ ئەسلى ھالىتىنى بۇزمىغان ئاساستا، تىلىمىزنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇندۇرۇپ تەرجىمە قىلساق، بۇنداق تەرجىمە قىلىنغان شېئىرنىڭ تەمى يەنە باشقىچە تاتلىق بولىدۇ. لېكىن شېئىرىي تەرجىمىدىكى ئىجادىيلىق بەك ئارتۇق بولۇپ كەتسە، شېئىر ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى بەدىئىي مۇددىئاسىدىن چەتنەپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنداق قىلمىش ماھىيەتتە شۇ شائىرنىڭ شېئىرىنى ئانا تىلىمىزدا قايتىدىن يېزىپ بەرگەن بىلەن باراۋەر بولۇپ قالىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر