باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«دەرىجىدىن تاشقىرى ناتىق» نۇر ئەلىنى زىيارەت

2014.10.28 14:33   مەنبە: خەلق تورى

«دەرىجىدىن تاشقىرى ناتىق» نۇر ئەلىنى زىيارەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر: مەلىكەم): 10-ئاينىڭ 26-كۈنى«دەرىجىدىن تاشقىرى ناتىق» پروگراممىسىغا قاتناشقان نۇر ئەلى زىيارىتىمىزنى قوبول قىلدى، ئۇنىڭ «مەن تىرىشقاندىلا ئاپام ۋە سىڭلىمنى ياخشى باقالايمەن» دېگەن سۆزى مېنى بەكلا تەسىرەندۈردى. تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز سىن زىيارىتىمىزگە نەزەر بېرىڭ!

  رىياسەتچى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نۇر ئەلى!

  نۇر ئەلى: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!

  رىياسەتچى: مەن خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى مەلىكەم بولىمەن، سىز «دەرىجىدىن تاشقىرى ناتىق» پروگراممىسى ئارقىلىق ھەممەيلەنگە تونۇلدىڭىز، سىز قانداقلارچە مۇشۇ پروگرامىغا قاتنىشىشنى ئويلاپ قالدىڭىز ؟

  نۇر ئەلى: بۇ پروگرامما مىنى تەكلىپ قىلغىلى 2يىل بولۇپ قالدى، مىنىڭ توردا ئۆزەمنىڭ «كۇ ئەي» («قالتىس نۇرئەلى») ناملىق ئىنگلىزچە ئېغىز تىلى كۇرسۇم بار، مەن ئۇنىڭدا خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە دەرس سۆزلەيمەن، دەرسىمنى ئاڭلايدىغانلار بەك كۆپ، شۇڭا مېنى نۇرغۇن كىشىلەر شۇيەردىن بىلگەن، بۇ پروگراممىغا مەن بىرىنچى يىلى قاتناشمىغان ئىدىم ، ئىككىنچى يىلى سىناپ بېقىش ئۈچۈن قاتناشتىم.

  رىياسەتچى: سىز ئىككى نۇتۇق تېمىسىنى تاللىغان، بىرى«ۋاقىت نەگە كەتتى؟» يەنە بىرى «بەلگىلەشتۈرۈش»، سىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ئىككى تېمىنى تاللىدىڭىز؟

  نۇر ئەلى: ھازىر كىشىلەر ۋاقىت رېتىمى تېزلەشكەچكە قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوقتەكلا سېزىشىدۇ، شۇڭا مەن ۋاقىتنى قانداق ئىشلىتىش ۋە پىلانلاشنى ئويلاپ «ۋاقىت نەگە كەتتى؟» دېگەن تېمىنى تاللىدىم. «بەلگىلەشتۈرۈش» دېگەن تېمىغا كەلگەندە، مەن تاللىمىغان بولساممۇ باشقىلا سۆزلەيتى، سىلەر دېققەت قىلغان بولساڭلا، مەن مۇشۇ پروگراممىدا باشتا دوپپا كىيىپ چىققان، كېيىن ئېلىۋەتتىم، مەن ھەرقانداق بىر مىللەتتە ياخشى-يامان ئادەم بولىدىغانلىقى، يامان ئادەملەرگە شىنجاڭلىق دەپ بەلگە قويۇۋالماسلىقنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمى بۈلدۈرمەكچى، ھەممە ئادەمنى ئاڭلىسۇن دەپ مۇشۇ تېمىنى تاللىدىم.

  رىياسەتچى: سىز بېيجىڭغا كەلگىلى قانچە ئۇزۇن بولدى؟

  نۇر ئەلى: يەتتە يىل بولدى.

  رىياسەتچى: سىز قايسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ؟

  نۇر ئەلى: مەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، پۈتتۈرۈپلا بېيجىڭدا قالغان.

  رىياسەتچى: ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەنگىلى قانچە ئۇزاق بولدى؟

  نۇر ئەلى: ئون ئىككى يېشىمدىن باشلاپ ئۆگەنگەن!

  رىياسەتچى: يېڭى شەرق تىل تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىنگلىزچە مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەۋاتامسىز ؟

  نۇر ئەلى: شۇنداق ،مەن ئۇ يەردە ئىشلىگىلى تۆت يىل بولدى.

  رىياسەتچى: ئىنگلىزچىنى قانداق قىلسا ياخشى ئۈگەنگىلى بولىدۇ؟

  نۇر ئەلى: ئەڭ موھىمى سۆزلەشتىن قورقماڭ، باشقىلارنىڭ زاڭلىققىلىشىدىن قورقماڭ، مېنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلەش قابىلىيىتىم ياخشى ئەمەس، لېكىن مەن تىرىشىپ سۆزلەيمەن، ياخشى سۆزلىيەلمىگەنلىكىمدىن توختاپ قالمايمەن، بولمىسا مەڭگۈ ياخشى سۆزلىيەلمەيمەن، بىز ئۇيغۇرچىنى ئۈگەنمەكچى بولساق ئاسان چۈشىدۇ، شۇڭا جىددىيلەشمەڭ، قورقماي سۆزلەڭ، يەنە بىرى كىتاب يادلاپ بېرىڭ، كۈندە داۋاملاشتۇرۇڭ، ئۈچ ئايغىچە ئۈنۈمىنى كۆرۈسىز، مەن بۇرۇن بىر يىلدا بىردىن ئىككىگىچە كىتاب يادلايتتىم.

  رىياسەتچى: سىزنىڭ كەلگۈسدە چەتئەللەرگە چىقىدىغان پىلانىڭىز بارمۇ؟ نۇر ئەلى: بار، لېكىن ھازىر ئۆيدە ئاپام بىلەن سىڭلىم بار، دادام ماشىنا ھادىسىسدە تۈگەپ كەتكەن، مەن ئۇلارنى باقمىسام بولمايدۇ. رىياسەتچى: سىزنىڭ كەلگۈسدە قانداق پىلانىڭىز بار؟

  نۇر ئەلى: مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلىشىم كىرەك، مەن ھازىر ئىنگلىزچە كىتاب يېزىۋاتىمەن، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىنگلىزچە ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلسام، دەپ ئويلايمەن، داڭلىق ئىنگلىز تىلى مۇئەللىمى بولۇشنى ئۆمىد قىلىمەن. رىياسەتچى: نۇرغۇنلىغان تورداشلار قىزىقىدىغان بىر سوئالنى سورابباقسام، سىزنىڭ قىز دوستىڭىز بارمۇ؟

  نۇر ئەلى: يوق ھەم ئويلىشىدىغان ۋاقتىم يوق، خىزمىتىم ئالدىراش، باقىدىغان ئاپام بىلەن سىڭلىم بار، مېنىڭ بېسىمىم ئېغىر، بۇلارنى ئويلىشىدىغان ۋاقتىم يوق. رىياسەتچى: كۈندە دەرسىڭىز بارمۇ؟ دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىڭىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىسىز؟ نۇر ئەلى: مېنىڭ دەرسىم جىق، ئەتىگەن چىقىپ كەتسەم كەچتە قايتىپ كېلىمەن، دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىمدا كىتاب كۆرۈمەن، بەدەن چېنىقتۇرىمەن! رىياسەتچى: كۈندە ئوخشاش ئالدىراش بولىدىكەنسىز، بەزىدە زېرىكىشلىك ھېس قىلامسىز؟ نۇر ئەلى: ياق، مەن كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، ۋاقتىم بولسىلا ئۆگىنىمەن.

  رىياسەتچى: ھازىرقى ياشلارغا دەيدىغان سۆزىڭىز بارمۇ؟

  نۇر ئەلى: كۆپ كىتاب كۆرۈڭلار، چايغا ئاز بېرىڭلار، ۋاقىت بولسىلا بەدەن چېنىقتۇرۇڭلار!

  رىياسەتچى: زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزغا رەخمەت!

  نۇر ئەلى: سىلەرگىمۇ رەخمەت!

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سو…
      ·قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈت…
      ·ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تۈرگە ئايرىپ تەسىس قىلىش  كەسپىي مائارىپ راۋاجلاندۇرۇش
      ·{سىن}ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى چىقاردى
      ·{سىن}ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپى قاتارلىقلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش با…
      ·ئەزا مويەن ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ھەقسىز مائارىپقا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى
      ·ۋەكىل: جاڭ پىڭيىڭ: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلىدىن ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىش ئوقۇغۇچىلارن…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى