باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

شېئىر ئىجادىيىتى ۋە شېئىر تەرجىمىچىلىكى(1)

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

2014.10.28 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەيلى قايسى خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر يېزىقچىلىقىدا بولسۇن، ئاپتورنىڭ يۈكسەك تەسەۋۋۇرىنىڭ پەپىلىشىدىكى ئىجادىي كەيپىياتقا چۆكۈشى بەك مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل كەيپىيات ئادەتتە «ئىلھام كەلدى» دېيىلىدۇ. ئىلھام كەلدى، دېگەنلىك ماھىيەتتە بىرەر نەرسىنى يازغۇسى كەلگەننىڭ دەستىدە تىپىرلاپ كېتىش دېگەنلىكتۇر. شۇڭا بەزى شائىرلار كوچىدا پىيادە كېتىۋېتىپمۇ، ۋەلىسىپىت مىنىپ كېتىۋېتىپمۇ، ماشىنىدا كېتىۋېتىپمۇ، ھەتتا يىغىندا ئولتۇرۇپمۇ توساتتىن قەلىمىنى ئېلىپ بىر نەرسىلەرنى جىجىلاپ كېتىدۇ. بۇ دەل ئۇلارنىڭ ئىلھام تۇلپارىغا مىنگەن ۋاقتىدۇر.

  دەرۋەقە ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن بەلگىلىك دەرىجىدىكى ئىلھام كېرەك بولىدۇ. ئادەتتە ئەدەبىي ئاخبارات يازغاندا، جەمئىيەتتىكى بەزى ئۆتكۈر ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كەچمىشلىرى كىشىنىڭ ئىلھامىنى قوزغايدۇ. نەسرىي ئەسەرلەر ئىجادىيىتىدە، ئادەمگە تەسىر قىلغان مەلۇم ۋەقە-ھادىسىلەر ۋە ئۇ ھەقتە كاللىدا شەكىللەنگەن پېرسۇناژ ۋە بايانلار ئاپتورنىڭ ئىلھامىنى قامچىلاپ تۇرىدۇ. لېكىن شېئىر ئىجادىيىتى بۇنىڭغا سەل ئوخشىمايدۇ. شېئىر يېزىشقا كىرىشكەندە، شائىر ئۆز روھىنى ئۇزاققىچە قاتتىق سىلكىگەن، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ياكى كېيىن قەلبىگە ئۈزۈكسىز باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئازاب تۇيغۇسىغا غەرق بولىدۇ. يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا سىغدىلىپ، چىڭقىلىپ، پىرىسلىنىپ كەتكەن بۇ خىل تۇيغۇ شائىرنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىنى چىمدىلاپ ئارام بەرمەيدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا يېزىلغان شېئىر ناھايىتى تېتىملىق چىقىدۇ. مەلۇم نەرسە ئۈچۈن يۈرىكىدە ئۈنسىز يىغلاپ تۇرۇپ يېزىلغان بۇنداق شېئىر باشقا يۈرەكنىمۇ ئۈنسىز يىغلىتالايدۇ. «ما گەپنى نەدىن تاپقاندۇ؟... مېنى چۈشەنگەندەك، مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنىلا يېزىپتا؟...» دەپ قالىدۇ باشقا شائىر ۋە ئوقۇرمەنمۇ.

  شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئورانىدىن قارىغاندا، ھازىر ئېلان قىلىنىۋاتقان شېئىرلاردا كۆپ خىللىق مەۋجۇت، دېيەلمەيمىز. ئەسلى بىزدە ئەتىر پۇراپ تۇرىدىغان، يۇمشاق كۆڭلەكلىرىنى شامال يەلپۈتۈپ تۇرغان ئوماق قىزدەك تاتلىق شېئىرلارمۇ؛ ئېتىزلىقنىڭ ئاپتىپىدا تولا كۆيۈپ مىستەك پارقىراپ كەتكەن پېشانىسىدىن تەر قۇيۇلۇپ تۇرغان، توپا تەرەت دېھقاندەك كۈچتۈڭگۈر شېئىرلارمۇ؛ پەيلاسوپلارنىڭ ئاغزىدەك ھېكمەت تۆكۈلۈپ تۇرغان دۇردانە شېئىرلارمۇ؛ لۈكچەكلەرنىڭ چىرايىدەك مەردانىلىق تەپچىپ تۇرىدىغان شاش شېئىرلارمۇ؛ كۆيۈك پۇراپ تۇرىدىغان چۈچۈلىسىمان شېئىرلارمۇ؛ يالقۇنلاپ تۇرغان چوغدەك تەپتى بار شېئىرلارمۇ تەڭ مەۋجۇت بولغىنى ياخشى ئىدى. لېكىن بىزدە بۇ خىل كۆپ خىللىقنىڭ تەرەققىياتى سەل تەكشىسىز بولماقتا.شېئىرىيەتتە مۇنداق شەكىل ياخشى، ئۇنداق شەكىل ناچار، شۇڭا پالانى شەكىلدە يازغان تۈزۈك، پۇستانى شەكىلدە يازمىغان تۈزۈك، دېگەن تەشەببۇس مەۋجۇت ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ھەر كىمنىڭ ئۆز تاللىشىدا، ئۆزى بەكرەك پىشقان شەكىلدە يېزىۋەرگىنى ئەۋزەل. شۇنداق بولغاندا، شېئىرىيىتىمىز مەيلى مەزمۇن جەھەتتە بولسۇن، مەيلى شەكىل جەھەتتە بولسۇن رەڭدارلىققا باي ھالەتتە ئۆز تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ، شائىرلارمۇ ئۆزىدىكى ئىچكى ئېنىرگىيەنى تولۇق قېزىپ چىقالايدۇ. نوقۇل ھالدىكى ئەنئەنىنى تەكىتلەش ياكى ئەنئەنىنى قايرىپ قويۇپ يېڭىلىقنى ھەددىدىن زىيادە قوغلىشىش شېئىرىيىتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شېئىرىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئەنئەنە بىلەن يېڭىلىقنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىدا ئۆزىگە خاس يول تاپالايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر