مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توكيو ئولىمپىك تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ رەئىسى: توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بەلكىم بىۋاسىتە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن

2020.04.29 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ رەئىسى يوشىرو مورى يېقىندا ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش مۇراسىمى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەگەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇم كېلەر يىلىمۇ كونترول قىلىنمىسا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىۋاستە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يەنە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، دېدى.

  «كۈندىلىك گېزىت-ژۇرنال تەنتەربىيىسى» تور بېكىتىدە يوشىرو مورىغا قارىتىلغان مەخسۇس ئۇزۇن زىيارەت بېسىلدى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلماي يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈلەمدۇ، دەپ سورىغاندا، يوشىرو مورى ئېنىق جاۋاب بەردى: ئۇنداق بولمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە بىۋاسىتە ئەمەلدىن قالدۇرىمىز، دەپ جاۋاب بەردى.

  ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۇرۇنمۇ ئۇرۇش-جەڭ سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بۇ قېتىمقىسىمۇ بىر جەڭ، ئەمما بۇ قېتىم بىز كۆرۈنمەيدىغان دۈشمەنگە دۇچ كەلدۇق، خالاس. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەسلىدىنلا تىنچ مۇھىتتا ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك ئىدى، ئەگەر مۇشۇنداق شارائىت ھازىرلانمىسا، ئۆتكۈزۈلمەي يەنە داۋاملىق تۈردە توختۇتۇپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ-دە، چۈنكى بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تاكتىكىسىدۇر. ئەگەر كىشىلەر پۈتۈن دۇنيادا قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلسا، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىز كېلەر يىلى يازدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزسەك، ئۇنداقتا بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بىز ئىشنى بۇنداق ئويلىمىساق، بىزنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىمىز بىكارغا كىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ