مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى شەخسىي چوڭقۇر سۇ نېفىتلىك توپى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى

يىللىق مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4 مىليون 200 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ

2020.09.22 18:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، 30 ئاي داۋاملاشقان قۇرۇلۇش ___ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى شەخسىي چوڭقۇر سۇ نېفىتلىك توپى ـــــــ ليۇخۇا 2 ــــ 16 نېفىتلىك توپى ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ھازىر نەنخەي دېڭىزىدا ئېچىش مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ چوڭ يېڭى نېفىتلىك توپى بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4 مىليون 200 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىپ، 4 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلە ئاپتوموبىلىنىڭ بىر يىللىق ماي سەرپىياتىنى قاندۇرالايدىكەن.

  ليۇخۇا 2 ــــ 16 نېفىتلىك توپى نەنخەي دېڭىزىنىڭ جۇجياڭ دەريا ئېغىزى ئويمانلىقىغا جايلاشقان، ليۇخۇا 2 ــــ 16، ليۇخۇا 2 ــــ 20 ۋە ليۇخۇا 2 ــــ 21 تىن ئىبارەت ئۈچ نېفىتلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئوتتۇرىچە سۇ چوڭقۇرلۇقى 410 مېتىر كېلىدىكەن. بۇ ھەم دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز ئۈستى نېفىتلىكىنى ئېچىشتىكى سۇ ئاستى چوڭقۇرلۇقى ئەڭ چوڭقۇر، سۇ ئاستى قۇدۇق ئېغىزى سانى ئەڭ كۆپ بولۇشتەك رېكورتنى ياراتقان.

  «نېفىتلىك توپىنىڭ قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە چوڭقۇر سۇ نېفىت-گاز ئېچىش قۇرۇلۇشى تېخنىكا سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى»، دېدى جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىتى ليۇخۇا 2 ــــ 16 نېفىتلىك توپى ئېچىش تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ يىيۇڭ تونۇشتۇرۇپ.

  ليۇ يىيۇڭ مۇنداق دېدى: نەنخەي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى نېفىتلىك ئۇدا 24 يىل يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنى 10 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشۇرۇش، ئۇدا بەش يىل مەھسۇلات مىقدارىنى 15 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ليۇخۇا 2 ــــ 16 نېفىتلىك توپىنىڭ قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى نەنخەي دېڭىزىنىڭ شەرقىدىكى نېفىتلىكنىڭ 2025-يىلىغا بارغاندا 20 مىليون توننا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ