خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 75 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلدى. جۇڭگو خەلقى 14 يىللىق قان كېچىپ ئېلىشىش جەريانىدا، قازا قىلغان ۋە يارىلانغان ئارمىيە ۋە خەلق 35 مىليوندىن ئاشتى، 930دىن ئارتۇق شەھەر ئىشغال قىلىندى، 3 مىليون 800 مىڭ ئەسكەر قانلىق جەڭ قىلدى، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ۋاسىتىلىك ئىقتىسادىي زىيان 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. بۇ سان-سىفىرلار ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ.
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى تىنچلىق كۈچلىرى ۋە ھەققانىيەت كۈچلىرىنىڭ غەلىبىسىدۇر. بۇ، بىر مەيدان ھەر تەرەپلىمە ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 1943- يىلى «ئون چوڭ سىياسەت»نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ سىياسەتتە، ھەربىي كۈرەشنى مەركەز قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى سەپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بىرلىك سەپ قۇرۇپ، دۈشمەننى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلىدى. «40 مىليون كىشى تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە كۈرەش قىكدى.» بۇ، پۈتۈن مىللەتنىڭ كۈرىشى بولۇپ، ئۇنىڭدا 400 مىليون خەلق تاشقى دۈشمەنگە ئورتاق تاقابىل تۇردى. ياپونىيەلىك بىر تارىخشۇناس مۇنداق دېدى: ياپونىيە پەقەت جۇڭگوغىلا يېڭىلىپ قالماي، توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۇ جۇڭگو خەلقىگە يېڭىلىپ قالدى. بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەققانىي كۈچلەرنىڭ بىرى، كانادالىق دوختۇر بېتيون ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلدى، گېرمانىيىلىك سودىگەر رابى جۇڭگولۇق مۇساپىرلارنى قوغدىدى، پولشا مۇخبىرى ھانىس خېبېر ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ئىشىنى خەۋەر قىلدى. جۇڭگو خەلقى دۇنيادا تىنچلىقنى ۋە ھەققانىيلىقنى سۆيىدىغان دۆلەت ۋە خەلقتۇر، شۇڭا، جۇڭگو خەلقى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنى قىممەتلىك قوللاش بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ .
بۇ ئۇرۇشتا، جۇڭگو خەلقى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش روھىنى نامايان قىلىپلا قالماي، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇش ئىقتىدارىنىمۇ يېتىلدۈردى. ۋەھشىي زالىم ئالدىدا، قۇشقاچچە ئۇرۇش ۋە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىدىن تارتىپ لەخمە ئۇرۇشى ۋە مىنا ئۇرۇشىغىچە، خەلق ئاممىسى بىر قاتار ئۆزگىچە ۋە ئۈنۈملۈك ئۇرۇش ئۇسۇلى ھەم كۈرەش سەنئىتى ئۈستىدە ئىزدەندى. بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسى، قەتئىي ئىرادىسى ۋە نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ