مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تىنچ تەرەققىيات يولىدا بىرلىكتە ماڭايلى

2020.09.01 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىرقى دەۋردە، دۇنيا يېڭى بىر نۆۋەتلىك زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش ۋە زور تەڭشەشنى كۈتۈۋالماقتا، مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپەيمەكتە. تېررورلۇق، ئېغىر كېسەللىك ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق غەيرىي-ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى داۋاملىق يامراپ كېتىۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى بىلەن غەيرىي-ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەت كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولماقتا.

  ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى كۆپ يىللىق تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە، يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى دۆلەتلەر قورۇقچىلىق ۋە بىر تەرەپلىمىچىلىك يولىنى تۇتقان بولۇو، نەتىجىدە يەرشارىلىشىشقا قارشى پىكىر ئېقىملار ئەۋج ئالماقتا. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى يېتەرسىز بولۇپ، بۇ خىل ھالەت دۇنيانى تۈزەشكە تېخىمۇ كۆپ خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە. بەزى دۆلەتلەر خەلقئارا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىماي، ئارقا-ئارقىدىن توپتىن چېكىنىپ چىقىپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا تۈزەش مېخانىزمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيانىڭ كۆپ خىل بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك قەد كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. بۇنداق ۋەزىيەتتە، ھەرقانداق دۆلەت ياكى دۆلەت گۇرۇھى دۇنيا ئىشلىرىنى باشقۇرالمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن، خەلقئارا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تېز ئۆزگىرىپ، يەر شارىنى تۈزەش سىستېمىسىنى ئۇنىڭدا يېڭى ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشىغا چاقىرماقتا.

  ئىنسانلار نۆۋەتتە دۇنيانى تۈزەشتىكى قىيىن مەسىلىگە ۋە تەرەققىيات قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلدى، ھەمدە دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئالدىدا، ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشنى تاللايدىغان تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. قوشنىسىغا ئورا كولاش، نۆل يىغىندىلىق ئېلىشىش ۋە قارشىلىشىپ توقۇنۇش پەيدا قىلىشتەك يۆنىلىشكە يۈزلەنگەن دۇنياغا قاراپ مېڭىش كېرەكمۇ؟ ياكى ئىتتىپاقلىشىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان دۇنياغا قاراپ مېڭىش كېرەكمۇ؟ رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆزگىرىش ئالدىدا، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشى بولسا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ توغرا تاللىشىدۇر. خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھازىرقى دۇنيا دۇچ كەلگەن رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تىنچ ۋە سىجىلچان تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ ۋە دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئېچىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلماقتا. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىدە قوش پايدا ئېلىش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشتىن ۋە سەن يېڭىلدىڭ، مەن يەڭدىم دەيدىغان ئۇنداق كونا قاراشلاردىن ھالقىپ، كەڭ قورساق بولۇش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك گۈزەل ئارزۇنى تەسۋىرلىدى، ھەمدە ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولىدىغان ۋە ئورتاق گۈللىنىدىغان ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى ئۆزىنىڭ نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، بۇ چوڭ پارتىيەنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك يۈكسەك بۇرچنى ئۆز زىممىسىگە ئالغانلىقىنى نامايان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ