مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2020.09.01 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىندا «خۇاڭخې ۋادىسى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسى» ۋە «19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 5-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات» قاراپ چىقىلدى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 31-ئاۋغۇست يىغىن ئېچىپ، «خۇاڭخې ۋادىسى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسى» ۋە «19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 5- نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات»ىغا قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خۇاڭخې دەرياسى − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇلۇغۋار پىلان قىلىپ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەبىئەت قانۇنىيىتى ۋە ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ياخشىلاپ، پۈتۈن ۋادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، خۇاڭخې مەدەنىيىتىنى قوغداپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ ھەمدە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، خۇاڭخې ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ بايلىقىنى تۈجۈپىلەپ تېجەپ پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى ئەڭ چوڭ قاتتىق چەكلىمە بىلەن سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش ئارقىلىق، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئۇزاققا نەزەر سېلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنى ئازايتىش ئىلمىي تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن ساقلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ خۇاڭخې ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەۋر قىممىتىنى قېزىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. تۆمۈرنى مۇجۇپ ئىز قالدۇرۇش، تاشنى دەسسەپ ئىز قالدۇرۇش ئىستىلى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت يىرىك پىلان، يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى تېز تۈزۈپ يولغا قويۇپ، 14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەتنى ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. كۆزىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتگۇرۇپپىلىرى (پارتكوملىرى)نىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پوزىتسىيەسى تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت ئېڭى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەش، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش كۆرىشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسئۇلىيەت پائال ئادا قىلىنىپ، خىزمەتلەر پۇختا ئىشلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، يەنە بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ساقلانماقتا، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە بىر قەدەر ئەستايىدىل بولۇپ، تۈزەش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزەشنى چىڭ تۇتۇشنى كۈندىلىك خىزمەتلەرگە، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا، بەنزە قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ