مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىگە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :

ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى چىڭ تۇتۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2020.08.28 16:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىن يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش بويىچە مىنىستىرلىقلار بىرلەشمە يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى 8- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش بولسا، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشنىڭ، ھەمدە جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشنىڭ كاپالىتى خاراكتېرىدىكى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، ئۇ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. بۇ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ھال-ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە يىللىقلىقىنى نامايان قىلىدۇ. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇشنىڭ تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۆڭۈل قويۇپ چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ۋە قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، قۇتقۇزۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىش كېرەك. نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋە كەلكۈن ئاپىتى قاتارلىق تەسىرلەرگە قارىتا، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىگە ئالاقىدار بولغان خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قۇتقۇزۇش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇش ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇمۇش تۆۋەن چېكىنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ۋە تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ