مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو-رۇسىيە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2020.08.27 17:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن 26-ئاۋغۇست ئايرىم-ئايرىم خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو-رۇسىيە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەتلەر. يەر شارى بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامرىغان پەيتتە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلىنى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، قىيىنچىلىقنى تەڭ يېڭىشتەك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى جەزمەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دۇنيادىكى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلەر ۋە مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە پەن-تېخنىكا چوڭ دۆلەتلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەۋر دولقۇنىغا ماسلىشىپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلىشى كېرەك، ئىككى دۆلەتنىڭ پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەر ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  پۇتىن تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەڭ مول ئىستىقبالغا ئىگە ھەمكارلىق ساھەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ قېتىمقى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلى رامكىسىنىڭ پائالىيەت مەزمۇنى مول بولۇپ، پەن تەتقىقات، كۆرگەزمە، ئىلىم ئالماشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، تېببىي ۋە پەن تەتقىقات تارماقلىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈستىدە زىچ ھەمكارلىشىپ، بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ كەڭ تەسىرگە ئىگە. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى مەزمۇن قوشۇشىغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ